كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش
ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ماڭغان K4094-قېتىمقى «شىنجاڭ سىنىپى» مەخسۇس پويىزى 2015-يىلى 25-ئاۋغۇست سائەت 22:02 دە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، 1748 ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتىش سەپىرىنى باشلىدى.
بۇ چاغدا 1748 ياش يۈرەك چېپىپ كېتىۋاتقان پويىز بىلەن تەڭ گۈزەل ئانا يۇرتتىن ئاۋات شاڭخەيگە ئاتلانغانىدى.
پويىز ئارايۇلتۇز، خېشى كارىدورى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكلەردىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئارقىغا قالدۇرۇپ، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ كەلدى.
ئۈچ كۈندۈز، تۆت كېچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپەر.
2015-يىلى 1-سېنتەبىر شاڭخەي چۇڭمىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جى چۈنيىڭ ئاخىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ مەكتەپكە يېتىپ كەلدى.
بۇ يىل شىنجاڭدىن ئىچكىرىنىڭ 45 شەھىرىدىكى 93 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى يېتىپ كېلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 37 مىڭغا يەتتى.
1-سېنتەبىر شاڭخەي چۇڭمىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ بۆلۈمىدىكى ئوقۇغۇچىلار شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى
«2011-يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بەش يىلدىن بۇيان، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇق كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى % 97 تىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى، بولۇپمۇ، 2012-يىلى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتتى». جى چۈنيىڭ بۇلارنى دەۋاتقاندا ناھايىتى پەخىرلەندى.