شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇچىلار چېن شياۋنىڭ مۇئەللىمنى يوقلاپ كەلدى
چېن شياۋيەن، شەندۇڭ چىڭداۋ لاۋشەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، قوشۇمچە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل. 2011-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، يىلىك كۆچۈرۈشكە كېتىدىغان 500 نەچچە مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققى بۇ ئادەتتىكى مۇئەللىمەنىڭ ئائىلىسىنى ئۈمىدسىزلىك قۇدۇقىغا تاشلايدۇ.
شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، بىر مەيدان «بوشلۇق، مىللەت ھالقىغان» مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، پائالىيەت لاۋشەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىگە كېڭىيىدۇ.