خاربېن شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار قار-مۇز دۇنياسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە
مىللەت ھالقىغان مۇھەببەت
«بېيجىڭدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنى بايرام ئۆتكۈزۈشكە ئۆيىگە چاقىرىدۇ» دېدى، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ شىنجاڭ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى شۇبىن تونۇشتۇرۇپ.
لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ لياۋنىڭدا بىر «ئۆيى»، «ئۆيى»دە ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان «دادا»، «ئاپا»، «ئىنى-سىڭىل»لىرى بار، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۇلارغا بېغىشلىغان ئىللىقلىقى بىلەن ئۇلار غېرىبسىنىپ قالمايدۇ.