ئابابەكرى ھەمدۇل ۋە ئۇنىڭ بالىسى
بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئابابەكرى ھەمدۇل 16 يېشىدا ئىچكىرىدىكى تۇنجى قارار شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتى شايار ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شايار ناھىيەلىك شىنيۈەن تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتىنىڭ منۇئاۋىن دىرېكتورىغا ئايلاندى.
چۈشەنچە:
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ــ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىچكىرىدە تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئوتتۇرا تەربىيەسىگە ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان سىنىپ بولۇپ، دۆلىتىمىز 2009-يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان 12 شەھەردىكى 1-دەرىجىلىك 13 ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلغان. بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بېرىپ-كېلىش، ياتاق، تاماق، ئوقۇش ھەققىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «ئەل رايى قۇرۇلۇشى» سۈپىتىدە كەڭ ئاممىنىڭ بىردەك تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.