باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2015-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى ۋە «ئۇيغۇر مۇزىكانت ئادىلجان ئابلىزنىڭ يالغۇز كىشىلىك غېجەك مۇزىكا كېچىلىكى» تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.23 11:17   مەنبە: خەلق تورى

2015-يىللىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى ۋە «ئۇيغۇر مۇزىكانت ئادىلجان ئابلىزنىڭ يالغۇز كىشىلىك غېجەك مۇزىكا كېچىلىكى» تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (خەلق تورىدىن ئالىم راخمان خەۋىرى، مىللەتلەر سۆرەتلىك ژورنىلىدىن ئابدۇسالام فوتوسى) يىلدا بىر كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كاتتا بايرىمى قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، خەيرلىك، خوشال-خورام ھېيت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ھېيت-بايراملىق كوللېكتىپ پەتىلەشكە ئويۇشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بۇ يىلمۇ ئادا قىلىپ، ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەرقايسى مىللەت قېرىنداشلارغا ياخشى بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بەردى. ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىللىق كوللېكتىپ پەتىلەش پائالىيىتىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇنىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مول بولغان مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە-ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2015-يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، تەتقىقات جەمئىيىتى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارنى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش سەنئەتكارلار بويىچە «شىنجاڭ باھارى__ ئۇيغۇر مۇزىكانت ئادىلجان ئابلىز يالغۇز كىشىلىك غېجەك مۇزىكا كېچىلىكى»نى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى.

  ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا سەنئىتى جۇڭخۇا مىللىي سەنئەت مەدەنىيىتى ئىچىدىكى بىر پارلاق گۆھەر، تارىختىن بۇيان ئەلئىچى سەنئەتكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ۋە توپلىنىش ئارقىلىق، مەزمۇنى بارغانچە موللىشىپ، بارغانچە پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بەدىئىي پۇراققا تويۇنغان سەنئەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. «غېجەك» مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات، قەشقەر، يەكەن ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، يەنە دولان غېجىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غېجەك ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاتارلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەلئىچى مۇزىكىلىرى ۋە كىلاسسىك مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاشقا ئىشلىتىلىدىغان شىنجاڭدىكى ئۆزگىچە مىللىي سازلارنىڭ بىرى.

  ئادىلجان ئابلىز مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مىللىي ساز ئەترىتى تارىلىق سازلار گۇرۇپپىسىنىڭ باش چالغۇچىسى، غېجەك ماھىرى بولۇپ، كۆپ يىلدىن بېرى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ تىپلىق ئويۇنلارغا قاتناشقان، كۆپ قېتىم دۆلەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن سەنئەت ماھارىتى يۇقىرى، ئىقتىدارلىق ياش سەنئەتكار. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت قېرىنداشلارنى ئادىلجان مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، يېڭىچە شەكىلدە بېيجىڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارغا ئۇيغۇر مىللىي سەنئەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىنىڭ مول، سىرلىق خاسلىقى ۋە مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىش ۋە تونۇشقا يېتەكلىدى.

  ئادىلجان ئابلىز مەخسۇس تەربىيەلەنگەن مۇزىكانت بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە مول ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، مىللىي مۇزىكىنىڭ جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ ئىلغار ۋارىسى ۋە جارىي قىلدۇرغۇچىسىدۇر. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق جارىي قىلدۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ياخشى بولغان تەربىيە مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ياش ئىقتىساسلىقلارنى تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى ئەنئەنىۋىي كاتتا بايرام قۇربان ھېيت ئارقىلىق، ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە يەنە ياش ئىقتىساسلىقلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ، تونۇلۇشىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى نامايان قىلدى.

  مۇزىكا كېچىلىكىدە نومۇرلار سەرخىل، ئادىلجان غېجەك ئورۇنلاش ماھارىتىنى ماھىرلىق بىلەن نامايان قىلدى، نەقمەيدان كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى، نۇرغۇن تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. مۇزىكا كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى، بېيجىڭدىكى قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مىللىي سەنئەت مەدەنىيەت كۆرىكىدىن ھوزۇرلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىن بېيىتىپ، سەنئەت ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈشىگە قولايلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈردى.

  بۇ قېتىملىق بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتى بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. خەلق تورىدىن ئالىم راخمان خەۋىرى، مىللەتلەر سۆرەتلىك ژورنىلىدىن ئابدۇسالام فوتوسى

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …