باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر يەنە بىر قېتىم تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ

2015.09.06 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە 25 - ،26 - سېنتەبىر ئاخىرقى قېتىملىق تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ توپلايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 25 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4تىن 26 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ توپلايدىكەن ھەم ئالىي كەسپىي مائارىپ(مەخسۇس كۇرس) لىرىنىڭ 1 -، 2 - تۈركۈملىرى بويىچە پاراللېل ئارزۇ شەكلى قوللىنىلىپ، 28 -، 29 - سېنتەبىر كۈنلىرى ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا ئارزۇ تولدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ يىللىق مەركەزلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ، ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر