- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گىۋاتېمالا زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى
2015.09.08 13:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گىۋاتېمالا 6- سېنتەبىر زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، تەخمىنەن 7 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىپ يېڭى زۇڭتۇڭ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ۋە 158 پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ.
گۇۋاتېمالانىڭ بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا جەمئىي 14 نامزات قاتناشتى. 3- سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، دۆلەت بىرىكتۈرۈش فوندىنىڭ نامزاتى جىم مۇرالىس ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ،%25 قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامدا، زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ قوللاش نىسبىتى %50 دىن ئاشالمىسا، ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئىككى نامزات 2- قېتىملىق ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدۇ، گۇۋاتېمالانىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زۇڭتۇڭ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بىۋاسىتە سايلاپ چىقىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر