باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژورنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى تولۇق ئېلان قىلىنىدۇ

2015.09.01 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 1- سېنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغان «ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژورنىلىنىڭ 17- سانىدا ج ك پ مەركىزى كومىتېىتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ« مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى» ئېلان قىلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ناھىيەنىڭ پارتىيەمىزنىڭ تەشكىلات قۇرۇلمىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ھالقىلىق رولى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينايدىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى «ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق ئىشتابى»، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى «ئالدىنقى سەپ قۇماندانى»، پارتىيەمىزنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىم تايانچ كۈچ.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، سىياسەتنى بىلىدىغان كىشى بولۇش؛ ئىككىنچى، تەرەققىياتتىكى يول باشلىغۇچى بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئاممىغا يېقىن كىشى بولۇش؛ تۆتىنچى، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ سەركىسى بولۇش؛ تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، كۆڭلىگە پارتىيەنى، خەلقنى، مەسئۇلىيەتنى پۈكۈپ، ئىبرەت ئېلىپ،تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر