باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىن ئۈمىد بار

2015.09.08 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شاۋچۇەن يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پاي چەك بازىرى ئۈچ نۆۋەت تەڭشەلدى. سىستېما خاراكتېرلىك خېيىم-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش سىياسەت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاي- چەك بازىرىنىڭ قىيا شەكلىدە چۈشۈش ۋە سىستېما خاراكتېرلىك خېيىم-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى. پاك-چەك بازىرى تەڭشەلگەندىن بۇيان، پىشاڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئەمەلىي ئىقتىسادقىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمىدى.

  جوۋ شاۋچۇەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىگە قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى 11-ئاۋغۇست خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئارىلىق باھانى مەلۇم قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدى. گەرچە نۇرغۇن ئامىللار قوشۇلۇپ، ئىسلاھاتتىن كېيىن بەلگىلىك دەرىجىدە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئاساسى جەھەتتىن ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، تاشقى سودا يەنىلا بىر قەدەر چوڭ ئاكتىپ بالانسنى ساقلىدى، خەلق پۇلىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۇرسى چۈشۈش ئاساسى مەۋجۇت ئەمەس. نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

  جوۋ شاۋچۇەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىدىن ئۈمىد بار، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرگىنى يوق. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان پىلان بويىچە، تۈرلۈك ئىسلاھاتلار تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر