باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگىچە

2015.09.08 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېچىۋېتىلگەنسېرى شۇنچە رەڭدار بولدى

  گاۋ ۋا

  2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسى 12 – ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ يەرمەنكە جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە يانداشتۇرۇلغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىدى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن جۇڭگو ياۋروپا – ئاسىيا كۆرگەزمىسىگىچە، ئۇنىڭدىن بۈگۈنكى ‹‹بىر يەرمەنكە، بىر كۆرگەزمە››گىچە ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ رەڭدارلاشتى.

  ‹‹ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭنى ئۆزگەرتتى››

  تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى چېگرا رايون ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى (قىسقارتىلىپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى دېيىلىدۇ) 1992 – يىل 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى شىنجاڭ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىئەن شەھىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يەرمەنكە رۇسىيە، ياپونىيە، قازاقىستان قاتارلىق 38 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جەلپ قىلغانىدى.

  1993 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى 2 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئۆتكۈزۈشنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالدى. ئۈرۈمچى چېگرا رايون ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ نامى 1994 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى››گە ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرمەنكە يەككە چېگرا سودىسىدىن ئىچكى – تاشقى ئالاقە، ئىچكى – تاشقى سودىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان يەرمەنكىگە ئايلاندى.

  2008 – يىل ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بۇرۇلۇش يىلى بولدى. شۇ يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى يەرلىك يەرمەنكىدىن دۆلەت دەرىجىلىك يەرمەنكىگە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا، رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپاغا يۈزلەندى.

  2010 – يىل 5 – ئايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. شۇ يىلى 7 – ئايدا مەركەز ‹‹غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يۈرگۈزۈشكە دائىر بىرنەچچە پىكىر››نى تارقىتىپ، ‹‹<ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسى>نىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى <جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى> دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، دۆلەت مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش››نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى شىنجاڭنى ۋە شىنجاڭلىقلارنى ئۆزگەرتتى. 19 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشتىكى كۆۋرۈكى ۋە مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ تەسىرىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزەر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، خەلقئارا ئىقتىساد – سودا پائالىيىتىدىكى ئاساسلىق قاتناشقۇچى ۋە پايدا ئالغۇچىغا ئايلاندى››.

  جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ‹‹بىر يەرمەنكە، بىر كۆرگەزمە››گىچە 2011 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى باشلاندى. كۆرگەزمە 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ سودىگەرلىرى ۋە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمىگە ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى. ئىچكى قىسىمدا ھەمكارلاشقان تۈر ۋە دۆلەت ئىچى ھەمكارلىق توختامىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 793 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى رايون خاراكتېرلىك كۆرگەزمىدىن خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە ئايلاندى.

  2015 – يىلىدىن باشلاپ جۈپ يىلدا دۆلەت نامىدا جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى، تاق يىلدا شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت ۋە ئورۇنلارنىڭ نامىدا مەخسۇس تاۋار سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹بىر كۆرگەزمە، بىر يەرمەنكە›› ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش قارار قىلىندى. لى جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹<بىر كۆرگەزمە، بىر يەرمەنكە>نى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى سۇپىسى قۇرۇلۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە››.

  ‹‹ئابلاجان نانلىرى›› نىڭ جۇلالىنىشى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ۋە جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كىشىلەرگە نۇرغۇن سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كارخانا بۇ ئىشىك ئالدىدىكى خەلقئارالىق سۇپىدىن پايدىلىنىپ ‹‹ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش››نى ئىشقا ئاشۇردى. ‹‹ئابلاجان نانلىرى›› زەنجىرسىمان سېتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابلا مەتتوختى 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۆزىنىڭ نانلىرى ۋە كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.

  1997 – يىلى 26 ياشلىق ئابلاجان 2300 يۈەن پۇل بىلەن قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يول بويىدا بىر ناۋايخانا ئاچقان. ئۇ 2001 – يىلى ئۆزىنىڭ نانلىرىنى ‹‹ئابلاجان نانلىرى›› دېگەن نامدا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم نانلىرىنى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرغان.

  ئابلاجان ھاياجان ئىچىدە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹يەرمەنكىگە ئېلىپ بارغان 2000 ناننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنلا سېتىلىپ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە 5000 نانمۇ سېتىلىپ تۈگىدى››.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى سېنتەبىردە ‹‹ئابلاجان نانلىرى››نىڭ مەززىلىك ھىدى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە كەم بولمىدى. 2011 – يىلى 9 – ئايدا ئابلاجان ئۆز قولى بىلەن ياققان 36 خىل ناننى ئېلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇردى. ئابلاجان مۇنداق دېدى: ‹‹مالايسىيا ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن خېرىدارلار، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى 16 مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىسى بىلەن 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك توختام ئىمزالىدىم››.

  ھازىر ئۈرۈمچىدە ‹‹ئابلاجان نالىرى››نىڭ 26 تارماق دۇكىنى بار، ئەينى يىلدىكى يول بويىدىكى ناۋايخانا زەنجىرسىمان شىركەتكە ئايلاندى.

  ئابلاجاننىڭ ھېكايىسى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى بىر كارتىنا خالاس، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ‹‹ئابلاجان››لارنىڭ چۈشى رېئاللىققا ئايلانغۇسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر