باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانى- دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى

2015.09.08 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەنزۇچە ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 17-سانىدا ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانى- دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 70-يىل ئاۋۋالقى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى- دۇنيانىڭ ئىستىقبالى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ. بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭدە جۇڭگو خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى دۇنيانىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغاندەك، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانىنى ئېچىپ، مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلق ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن، تارىخى سەھىپىسىگە يېزىپ قالدۇرغۇدەك تۆھپىلەرنى قوشتى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قانلىق جەڭلىرىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپلا قالماستىن، زور قۇربانلارنى بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھۆرمىتى ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى يىراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما فاشىزم روھلىرى يەنىلا مەۋجۇت، دۇنيا تىنچ ئەمەس. ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا ئالغا قاراپ مېڭىۋاتقان جۇڭخۇا مىللەتلىرى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالەت بىلەن چوڭ دۆلەتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر