باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى ئىمزالىدى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، تۆت خىل جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى

2015.09.01 16:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29 - ئاۋغۇست ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى ئىمزالاپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، تۆت خىل جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلدى.

  ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقىغا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 2015 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇنقى كۈچكە ئىگە ھۆكۈمىگە ئاساسەن جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان، قويۇپ بەرگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئەمەلىي زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان تۆت خىل جىنايەتچىلەر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ: بىرىنچى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛ ئىككىنچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان سىرتقا قارىتىلغان ئۇرۇشلارغا قاتناشقانلار، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك ماددىلارنى قويۇش ياكى تەشكىللىك زوراۋانلىق جىنايەتلىرى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىللىك جىنايەت، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەن باش جىنايەتچىلەر ۋە تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئۈچىنچى، يېشى 75كە توشقان، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار؛ تۆتىنچى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغان، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى جازا مۇددىتى بىر يىلدىن ئاز قالغانلار، قاتىللىق جىنايىتى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى، ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى، زەھەرلىك بۇيۇملارنى يۆتكەپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

  ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقىدا، يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن جىنايەتچىلەر 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كېسىمى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر