باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېلىجان قۇربان كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا

2015.09.08 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

چېڭ لوڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئەرشتىن چۈشكەن ئارسلان» دېگەن رومانتىك فىلىم 2015 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، رەسمىي قويۇلدى، بۇ فىلىمدە رول ئالغان بىر قىرغىز يىگىت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك تارتتى. بۇ، شىنجاڭ كورلا شەھىرىدىن چىققان پادىچى بالا ئېلىجان قۇربان ئىدى .
   ئېلىجان 80 - يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىن. 2003 - يىلى، بايىنبۇلاق يايلىقىدا قوي بېقىۋاتقان ئېلىجان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئېلىجان كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۈكۈپ ھەم ئارىسالدىلىق ئىچىدە بېيجىڭغا كېلىپ رومانتىك تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىيات - سەنئەتكە قىزىقىدىغان ئېلىجان مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە دىراما ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تايانچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ ھەم دۆلىتىمىز ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ماھىرلارنى تاللاش پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىدۇ. 2006 - يىلى، ياخۇ تورى، جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خۇاڭ يى قېرىنداشلار تاراتقۇ پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ياخۇدا چولپان ئىزدەش» مۇسابىقىسىدە چېن كەيگې گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى بولىدۇ، كېيىن فەن بىڭبىڭ بىلەن چېن كەيگې رېژىسسورلۇق قىلغان، 10 مىليون يۈەندىن كۆپ مەبلەغ سالغان ياخۇ ئېلانلىرىغا قاتنىشىپ، ياخۇ تورىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ جاڭ جىجۇڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «غەربكە ساياھەت»، «كۆپكۆك يەتتە يۇلتۇزلۇق كۆل»، «نىقاب - 2» قاتارلىق كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئالىدۇ. تېتىك، قامەتلىك، قىرغىزلارغا خاس جاسارەت، خۇشخۇي مىجەزى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ھازىر، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۈركۈتتەك پەرۋاز قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. 
  قويچى بالىدىن چېمپىيون بولغىچە
  ئېلىجان قۇربان شىنجاڭ بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانىسىنىڭ كىرىمى ئازبولغاچقا، تۇرمۇشى قىسچىلىقتا ئۆتەتتى. ئائىلىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە سىرتقا چىقىپ قوي باقاتتى، قىزىلچا كولايتتى، پاختا تېرەتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاب ۋە تېلېۋىزور كۆرەتتى، ھېكايە، فانتازىيەلىك كىتابلارنى قولىدىن چۈشۈرمەيتتى، ئۇ قولىغا ئاسان كەلمىگەن كىتابلارنى قەدىرلەيتتى، كىچىكىدىن تارتىپلا ھېكايە يېزىشقا، رەسىم سىزىشقا قىزىقاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر ئىدى .
  2003 - يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئېلىجان قۇرباننىڭ كىشىلىك ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بۇرۇلۇش بولدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا مەن قوي بېقىۋاتاتتىم، بىر بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ ساڭا بىر خەت كېلىپتۇ دېدى. مەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، چارۋىچىلىق رايوندىن ناھىيە بازىرىغا باردىم، قارىسام مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىكەن. شۇ چاغدا مەن بەك خۇش بولۇپ كەتتىم ھەم كۆڭلۈم بەك بۇزۇلدى، چۈنكى ئۇ چاغدا ئاتا - ئانام ئىش ئورنىدىن قالغانىدى، شۇڭا مەن ئۇقتۇرۇشنى ياستۇق ئاستىغا باستۇرۇپ قويدۇم.»
  گەرچە شۇ چاغدا ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانداق خاراكتېرىدىكى مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، بېيجىڭغا تەلپۈنۈشتە ئۇنىڭ كۆڭلىدە زىددىيەت پەيدا بولدى. ئۇ ئانىسىغا: «مەن ئوقۇشقا بارمايمەن، تاغقا چىقىمەن، مەن دېگەن ئوغۇل بالا، ئائىلە قىيىنچىلىقىنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك»، دېدى .
  بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ئېلىجاننىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى داۋاملىق ئوقۇتماقچى بولدى، ئۇلار ئامال قىلىپ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تاپتى. ئېلىجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بېيجىڭغا بارىدىغان پويىزغا تۇنجى قېتىم چۈشۈپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان يايلاقتىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىراق سەپەرگە ئاتلاندى.
  پايتەخت بېيجىڭ ئېلىجاننى قاتتىق جەلپ قىلدى، ئۇ بۇ يەردە قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، نۇرغۇن ياخشى دوست تۇتتى. لېكىن يەنىلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىم، بىر ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 50 يۈەن پۇل كېتەتتى، مەكتەپنىڭ تامىقى بەك قىممەت بولغاچقا، تۆت موما ۋە بەش تىيىنلىك تۈگۈنەك قىچا ئېلىپ بىر كۈننى ئۆتكۈزەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلىدىم، مۇلازىمەتچى، قاچا - قومۇچ يۇغۇچى، تاماق ئاپىرىپ بەرگۈچى، كارتا تارقاتقۇچى، ئامما ئارتىسى ۋە مودېل بولۇپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلى تاپتىم، ئىش تاپالساملا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىشلىدىم، مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەردىن بىر تىيىن ئالمىغىنىمدىن بەك پەخرىلىنىمەن».
شۇ چاغلاردا، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇندى. ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ قويدى، ئۇ بۇ پۇلنى ئىشلەپ تېپىپ ئوقۇتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەردى.
  كىچىكىدىن مەدەنىيەت - سەنئەتكە قىزىقىدىغان، ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولغان ئېلىجان مەكتەپنىڭ تۈرلۈك سەنئەت ئۆمەكلىرىگە، ئويۇن قويۇشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ تايانچى بولۇپ قالدى. 2006 - يىلى، ياخۇ تورى، جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خۇا يى قېرىنداشلار تارتقۇ پاي چەكلىك شىركىتى چولپان ئىزدەش مۇسابىقىسى باشلىغاندا، ئۇنىڭ تەقدىرىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولدى.
  ئۇ «ياخۇ تورى چولپان ئىزدەش» پىروگراممىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تەكرار مۇسابىقە باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ئاخىرى خاڭجۇغا بېرىپ يۈز تۇرانە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا توغرا كەلدى. قاتناش، ياتاق قاتارلىق خىراجەتلەر ئېلىجاننى يەنە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. پىروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئېلىجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى خىراجەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ بارلىق ماھىرلار ئىچىدە مۇسابىقىگە بىردىنبىر ھەقسىز قاتناشقان ماھىر بولۇپ قالدى.
  شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر بىر مۇسابىقىنىڭ دەرىجىگە ئۆتۈش باسقۇچى ۋە ھەر بىر قېتىم مەيدانغا چىققاندا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ يايلاقتا ئەركىن چېپىۋاتقان چەۋەندازغا ئوخشاش بارلىق قىزغىنلىقى ۋە يېڭى ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى، قىزغىن ئۇسسۇللىرى ۋە چالغۇنى ۋايىغا چىقىرىپ چېلىشلىرى كىشىلەرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى، تورداشلار ئۇنى «ئاسمان چۈشكەن ئالتۇن» دەپ ئاتاشتى. ئاخىرى ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، چېن كەيگې گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى. كېيىن فەن بىڭبىڭ بىلەن چېن كەيگې رېژىسسورلۇق قىلىپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان ئېلانغا چىقىپ، ياخۇ تورىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولدى. ئۇ يەنە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كىنو شىركىتى −− خۇايى قېرىنداشلار تاراتقۇ پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويدى.

  بۈركۈت قانداق تاۋلاندى؟
  «ئارزۇ - ئارمانلار گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن رېئاللىق تولىمۇ رەھىمسىز». بۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. «ياخۇ تورىدا چولپان ئىزدەش» پائالىيىتى ئېلىجان قۇربانغا پارلاق يول ئېچىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلدى.
ئېلىجان قۇربان بىلەن توختام تۈزۈشكەن شىركەت ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەچكە، ئۇ ئېلىجان ئارتىس بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ بىر تەرەپتىن «جۇڭگولۇق قېرىنداشلار»شىركىتى بىلەن دەۋالىشىپ، بىر تەرەپتىن ھەر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىدى. تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەچكە بەش كىۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان يەر ئاستى ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردى، بىر كىشىلىك كارىۋات، بىر چامادان، بىر توك قازىنى ئۇنىڭ «سەرگەردانلىق» تۇرمۇشىدىكى ئەڭ جاپالىق كۈنلىرى ۋە ئەڭ چۈشكۈن مەزگىلىگە شاھىت بولدى، بۇ كىچىككىنە جاي ئۇنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى پاناھگاھى بولدى.
  ئېلىجان قۇربان ئۇنىۋېرسىتېتتا پۇل - مۇئامىلە كەسپىنى ئۆگەنگەنلىكى، كۆپ يىل سىرتتا ئىشلەپ توپلىغان تەجرىبىسى ۋە شىنجاڭلىقلارغىلا خاس چىدامچلىق، قەيسەر مىجەزىگە تايىنىپ ئاخىرىدا بىر چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان بانكىدىن خىزمەت تاپتى.
  2008 - يىلى مەكتەپ ئېلىجان قۇربانغا مەكتەپكە ۋەكىل بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 56 مىللەتتىن قىرغىز مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاپ خور ئېيتىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇنىڭ خېلىلا يۇقىرى كىرىملىك خىزمەتتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇ چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى. ئېلىجان قۇربانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ يۈز يىلدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان كاتتا مەرىكىسى، 56 مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىرغىز مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالدىدا دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش تولىمۇ زور شەرەپ، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىپتىخارلىنىمەن، خىزمىتىم بىلەن دۆلەتنىڭ شان - شەرىپىنى تاللاشقا دۇچ كەلسە، ئۆز مەنپەئىتىمدىن ۋاز كېچىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئېلىجان قۇربان خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى تاللىدى ھەم خور ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، يېرىم يىل تەربىيىلەنگەندىن كېيىن ئۆز بۇرچىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلدى.
  ئېلىجان قۇربان 2010 - يىلى ئىككى يىل ئەرز قىلىش ئارقىلىق «جۇڭگولۇق قېرىنداشلار» شىركىتى بىلەن تۈزگەن توختامنى بىكار قىلدى. ئېلىجان قۇربان شۇ يىلى توختامنى بىكار قىلغاندىن كېيىن « كۆپكۆك يەتتە يۇلتۇز كۆلى» ناملىق فىلىمدە ئەر باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
  بۇ فىلىمدە ئۇ يايلاق چارۋىچىلىق رايونىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئالدى، بۇ ئوقۇتقۇچى كۈندە موتوسىكلىتقا مىنىپ، چارۋىچىلار رايونىدىكى بالىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئوقۇشىغا قارشى تۇرىدىغان ئاتا - ئانىلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەيدۇ. فىلىمدىكى يايلاق، چارۋىچىلىق رايونى، يەنە پادا بېقىۋاتقان ئۆسمۈرلەر قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئېلىجان قۇربانغا ئىنتايىن تونۇش ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى يايلاقتا ئۆتكەن بولغاچقا، رولنى تېخىمۇ ياخشى ئالدى.
  ئېلىجان قۇربان ياخشى ئارتىس بولۇش ئۈچۈن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە سەنئىتىگە ئالاقىدار بارلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇ بىر ئارتىسنىڭ ھەر خىل ئوبرازلارنى يارىتىش ئۈچۈن سىرتقى قىياپەتتىن باشقا يەنە ساپاسى بولۇش، ئوبرازنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن داڭلىق ئۇستازلاردىن چەۋەندازلىق، ئوقيا ئېتىش، ئۇسسۇل ئويناش، چامباشچىلىق، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، موي قەلەمدە رەسىم سىزىش، شېئىر يېزىش، سېنارىيە يېزىشنى ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ چامباشچىلىق ماھارىتىنى يېتىشتۈردى، ئۇ ئادەتتە كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەردى. سۈرەتكە ئالغاندا، تۇرمۇش يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى ھەر خىل قۇلايسىزلىقلارنى يەڭدى، بىر قېتىم فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا ئۇ ئون مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كېتىپ، كېسەلخانىدا ئۈچ ئاي ياتتى، بۇنى ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتمىدى؛ بەزىدە زىيادە ھېرىپ - چارچاش سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق رول ئالدى.
  ئېلىجان قۇربان فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە سەنئىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئارتىسلىق ھاياتىدا ئۆزىنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ كەمسىتمىدى ھەم باشقىلارغا بوزەك بولمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە سەنئىتى خەلقئارادىكى ئاممىباب سەنئەت، مەيلى قايسى مىللەتتىن بولغان ئارتىس بولسۇن بېرىلىپ ئەسەر ئىجاد قىلىپ، سېنارىيەدە يارىتىلغان ئوبرازلارغا ماس كەلسىلا ياخشى ئارتىس بولالايدۇ. فىلىمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە تەۋە، ئوخشاش بىر يەرشارىدا ياشايمىز، ئوخشىمىغان رايون، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئېتىقاد بىزنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيىمىزنى يارىتىپ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئاتا قىلدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەجرىبە توپلىساقلا ھەر قايسى كەسپلەردە ئۇتۇق قازىنالايمىز، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى بەدىئىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلساق، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
  ئېلىجان قۇربان بېيجىڭدا ئون يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق ئارتىس بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ كەينى - كەينىدىن «سەككىز مىڭ پەرىشتىنىڭ تەڭرىتاغقا چىقىشى»، «غەربكە ساياھەت»، «نىقاب 2»، «چۇ سۇلالىسى ھەققىدە رىۋايەت»، «ئەرشتىن چۈشكەن ئارسلان»، «خېشى كارىدورى» قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئېلىپ، نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى.
  ئېلىجان قۇربانغا نىسبەتەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئارزۇ - ئارمانلىرى بار.
  ئېلىجان قۇربان مۇنداق دېدى: ئارتىسلىقتىن رېژىسسور بولۇش ئەڭ مۇھىم نىشانىم، ھازىر بۇنىڭغا تىرىشىپ تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. يېقىندا بېيجىڭدىكى تونۇلغان مەدەنىيەت شىركىتى يولغا قويغان، بېيجىڭ چامباشچىلىق جەمئىيىتى قوللىغان ئون چوڭ چامباشچىلىق رېژىسسورى تۈرى باشلاندى، بۇ پىلاندا ئون رېژىسسور ئون فىلىم ئىشلەيدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت رېژىسسورى، بىز يەنە ئامېرىكا ھوللىۋودلۇق فىلىم مۇھەررىرى بىلەن بىر فىلىم ئىشلەشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز.
  لېكىن ئېلىجان شىنجاڭنى تېما قىلغان كىنو - فىلىم ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا نۇرغۇن ئېسىل تېمىلار بار، كىشىلەرنىڭ ئاستا - ئاستا قېزىپ بايقىشىغا توغرا كېلىدۇ، مېنىڭ شىنجاڭدا غەربىي يۇرتلۇق پادىچىنى سۈرەتكە ئېلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئەركەك مىجەزى، تېتىك ھالىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئارزۇيۇم بار. مەن داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى كىنو - فىلىملەرنى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم شىنجاڭغا ھەدىيە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
  ئېلىجان قۇربان نەچچە ئون يىلدا شىنجاڭدىن كەلگەن پادىچى بالىدىن ئىستۇدېنتقا، ئاندىن كەسپىي ئارتىسقا ئايلاندى. بۇ يول تولىمۇ ئەگرى - توقاي مۈشكۈل، كەلگۈسى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ يولدا ھېلىھەم ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇ خۇددى قىرغىزلارنىڭ تۇتېمى بولغان بۈركۈتتەك ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر