باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

2015.09.08 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2015-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغاندىن كېيىن، دەرھال جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا تېلېفون قىلىپ، پارتىيە مەركىزى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە چوڭقۇر ھال سورىدى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولۇپ، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئوڭاي ئەمەس. كۆپچىلىك خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلدى، بۇ غەلىبىگە بارلىق يولداشلارنىڭ قان تەرى مۇجەسسەملەنگەن، دۆلەتكە شان شەرەپ كەلتۈردى، خەلقنى ئىلھاملاندۇردى، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا تەنتەربىيە ساھەسىدە غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز تارقالماقتا. دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە مۇسابىقىسى، يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەر ۋە زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ئەنئەنە، ياخشى ئىستىل، ياخشى روھنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، غەيرەت-ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، رىئو دې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر