باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىقلار كۈنىگە 800 مىڭ كىشلىك لەڭمەن، 2 مىليون 500 مىڭ نان يەيدۇ

2015.09.08 15:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭلىقلار خېمىر تاماقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا شىنجاڭلىقلار بىر كۈندە قانچىلىك لەڭمەن، قانچىلىك نان يەيدۇ ؟ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر مەخسۇس تۈر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا موما سېلىپ ساتىدىغان دۇكاندىن 2200 ى بار بولۇپ، كۈنىگە 220 توننا ھەرخىل موما، قازان نېنى سېتىلىدىكەن. بىرىنى 50 گىرام بويىچە ھېسابلىغاندا شىنجاڭلىقلار كۈنىگە 4 مىليون 400 مىڭ موما ياكى قازان نېنى يەيدىكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1600 دانە چۆپ كېسىش، لەڭمەن سېتىش دۇكىنىدا كۈنىگە 800 توننا تاماق سېتىلىدىكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا شىنجاڭلىقلار كۈنىگە 800 مىڭ كىشلىك لەڭمەن ئىستېمال قىلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تونۇر بار بولۇپ، كۈنىگە 500 توننا نان يېقىلىدىكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا شىنجاڭلىقلار كۈنىگە 2 مىليون 500 مىڭ دانە نان يەيدىكەن.

  بۇلتۇر شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە 175 مىڭ 100 توننا بولكا سېتىلغان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر