باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئىيوردانىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان رايوندا پاسىل تام ياساشقا باشلىدى

2015.09.08 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە 6- سېنتەبىردىن باشلاپ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىيوردانىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق پاسىل تام ياساشقا باشلىدى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ پاسىل تامغا 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى، 1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئىرئاتتىن باشلىنىپ شىمالغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاراۋا رايونىغا سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيە 1994- يىلى تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىم توساق بار ئىدى. ئىيوردان دەرياسى جىلغىسىنىڭ بىر قىسىم رايونى ئىسرائىلىيە كونترول قىلىپ تۇرغان پەلەستىن زېمىنى. بۇ يىل 6-ئايدا، ئىسرائىلىيە كابىنېتى ئىيوردانىيە بىلەن بولغان چېگرا رايوندا پاسىل تام ياساشنى تەستىقلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر