خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يېڭى شەرق گۇرۇھىدىكى ئەڭ ياش ناتىق، «ئۆزگىچە پاراڭلار»،«دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق»قاتارلىق پروگراممىلاردا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى نۇرئەلى تۇنجى كىتابى«بىر يىلدىكى8670 سائىتىڭىز»نى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ، شىنجاڭ خەلقئارالىق كىتاب شەھەرچىسىدە يېڭى كىتابى توغرىلىق لېكسىيە ۋە ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ كىتاب نۇرئەلى ئۆزى ئىجاد قىلغان«34تىللالىق ۋاقىت باشقۇرۇش قائىدىسى»نى يادرو قىلغان بولۇپ، تىرىشىشتىن قانداق تىرىششقىچە بولغان تەپەككۇرنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھاكىمە قىلىنغان، شۇنداقلا ھاياتلىق نىشانىنى بېكىتىش، شەخسنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش، ۋاقىتنى باشقۇرۇش، قىيىن ئەھۋالدىن بۆسۈپ چىقىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق بەش مۇھىم تەرەپكە ئائىت ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر كونكرېت تونۇشتۇرۇلغان، كىتاب نەچچە مىڭلىغان مەستانىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى