باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە مەھكىمە تارىخى سارىيى ئېچىلدى

2015.09.07 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە تارىخى سارىيى رەسمى ئېچىلىپ. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ قالدى.

  ھازىرقى كۆلىمى 200 كۋادرات مېتىر بولغان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ مەھكىمە تارىخى سارىيى تەرەققىيات، غەمخورلۇق، قوشۇن، سوت، پاكلىق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شان-شەرەپ، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت سەككىز سەھىپىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەرگە ئائىت 420 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ۋە 370 دىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى جاپاغا چىداپ ئىشلىگەنلىكى، فۇنكسىيەلىك ئۆزگىرىشى، تەدرىجىي زورايغانلىقى، زور ۋەقە، يارقىن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى، ئىلغار نەمۇنىچىلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللارنى جانلىق، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرگەن. مەھكىمە تارىخى سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ سوت مەھكىمىسى ئوبرازى تارىخىي ماتېرىياللىرى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، شىجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى تارىخىي تەتقىقاتىدا مۇھىم تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونىمىز سوت مەھكىمىسى كادىر-ساقچىلىرىنىڭ تارىخنى ياد ئېتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىكى مەنىۋى ماكانىنى ياراتتى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى قانۇنلۇق مەدەنىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر