باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇدا 9 كۈن ئىشلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاۋۇز چاغىنىدا پەقەت ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

2015.09.08 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل تاۋۇز چاغىنىدا پەقەت ئىككى كۈنلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. تۈنگۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، تاۋۇز چاغىنى 26-سېنتەبىر( شەنبە )، 27- سېنتەبىر ( يەكشەنبە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇدا 9 كۈن ئېشلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىشتىن كېيىن پەقەت 10-ئۆكتەبىر بىر كۈن قوشۇپ ئىشلەيمىز.

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2015 - يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تاۋۇز چاغىنىدا 27- سېنتەبىر دەم ئېلىنىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى قوشۇپ بىرىلمەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ئارام ئېلىش ۋاقتى 1- ئۆكتەبردىن 7- ئۆكتەبرگىچە، جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ. 10- ئۆكتەبىر ( شەنبە ) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ، 11- ئۆكتەبر ( يەكشەنبە ) دەم ئېلىنىدۇ. شۇڭا، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن ئۇدا 9كۈن ئىشلەش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئومۇمىي كۈن سانى ئازايمىغان بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر