باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە پاك گيۇنخاي قوللاش نىسبىتى% 54كە يەتكەن بولۇپ،بەلكىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان

2015.09.06 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي ئامېرىكىنىڭ« خاپا بولىشى»غا قارىماي، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش پائاليىتىگە قاتنىشىپ، كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كورىيە گاللۇپ ئەل ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى قاتارلىق دىپلوماتىيە نەتىجىلىرى بىلەن پاك گيۇنخاينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ يېڭى رېكورتى يارىتىلدى.

  كورىيە «مەركەز گېزىتى»نىڭ 5-سېنتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاك گيۇنخاي4-سېنتەبىر كورىيىگە قايتىپ كېلىپ مەخسۇس ئايروپىلانى«ھاۋا ئارمىيە1-نومۇر»دە سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ، سۆھبەت يىغىنىدا ئىككى كۈن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلىغان. پاك گيۇنخاي مۇنداق دېدى : « بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن نەچچە مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇرلۇقى مۇزاكىرىلەشتۇق، ئەڭ مۇھىمى كورىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىشىپ قانداق قىلغاندا چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش مەسىلىسى»دەپ كۆرسەتتى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5- چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،4-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان كورىيە گاللۇپ ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كورىيە خەلقنىڭ پاك گيۇنخاينىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاش نىسبىتى % 54 يېتىپ، 2014-يىلى 4-ئايدىكى«يىللار» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر