باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مەيدان ساغلاملىق ئۇسسۇلىغا مۇۋاپىق يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى

2015.09.07 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 6- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە مەيدان ئۇسسۇلىغا مۇۋاپىق يېتەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى: ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەيدان ئۇسسۇلى ئوينايدىغان پائالىيەت ئورنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، مەيدان ئۇسسۇلى ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت باشلامچى بولغان، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، مەيدان باشقۇرىدىغان ئورۇنلار مەھەللە ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارغا ماسلىشىدىغان باشقۇرۇش مېخانىزىمى ئورنىتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەيدان ئۇسسۇلى ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكتىمىزدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى مەنىۋى قىياپىتىنى نامايەن قىلىش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىدى. بىراق مەيدان ئۇسسۇلى مەيدانى ۋە ئەسلىھەسى قۇرۇلمىسى كەمچىل بولۇش، شاۋقۇن ئاۋازى پۇقرالارغا دەخلى قىلىش، يۆلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزىمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، مەيدان ئۇسسۇلى پائالىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر