باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2015-يىللىق«ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش»پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2015.09.07 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2015-يىللىق«ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت مەيدانىدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىگە 4000 يۇەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ ياردەم ئوبيېكتى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ياردەمگە مۇھتاج قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار دېھقان پەرزەنتلىرى، بولۇپمۇ ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنتى ئىكەن. نۆۋەتتە، 140 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلانغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا ئۆتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشگە ياردەم بېرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر