- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
50 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى ئالاھىدە قىيىنچىلىق ياردەم پۇلىدىن مەنپەئەتلەندى
2015.09.07 14:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان تۇرمۇش ياردىمى سىياسىتى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى 21 ئۆلكە(رايون، شەھەر) ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ( تۆۋەندە 22 ئۆلكە دەپ ئاتىلىدۇ ) ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلىمىدا يولغا قويغان لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، خېبېى، ئىچكى مۇڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، جىياڭشى، خۇبېي، خۇنەن،گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ، شىنجاڭ , بىڭتۈەن قاتارلىق 16 ئۆلكە قىيىنچىلىقى ئېغىر رايون، ناھىيەلەردە سىياسەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرستىلىشىچە، 2014-يىلى، 22 ئۆلكىدىكى 699 ئالاھىدە نامرات رايون، ناھىيە ئىچىدىكى 2 ئۆلكە 604 ناھىيەدە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇپ قاپلىنىش نىسبىتىنى % 86 كە يەتكۈزۈپ 2013-يىلىدىكىدىن % 55 ئۆسكەن. 67مىڭ مەكتەپ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن، مەنپەئەتلەنگەن يېزا ئوقۇتقۇچىسى 949مىڭ ئادەمگە يەتكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر