خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تۆت زىيانداشنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ چۇڭچىڭ بىر ئائىلىدىكى تۆت جاننى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى تيەن شيەنچېڭنى تۇتقانلارغا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2015-يىلى 3- سېنتەبر ،چۇڭچىڭ شەھەرلىك خېچۇەن رايونى چيەنتاڭ بازىرىدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەن، 4 ئادەم قازا قىلىپ، بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان، كېيىن جىنايەت گۇماندارى تيەن شيەنچېڭ قېچىپ كەتكەن.
تيەن شيەنچېڭ بوي ئېگىزلىكى 160 سانتىمېتر، قىسقا چاچ، ئورۇقراق، چۇڭچىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ. يىپ ئۇچىنى بايقىغان پاش قىلغۇچى، ھەمكارلىشىپ تۇتۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ج خ مىنىستىرلىقى 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى