باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 30 -، 31 -، 32 -، 33 -، 34 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

2015.09.01 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29 - ئاۋغۇست 30 - ، 31 - ، 32 -، 33 -، 34 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى.

  30 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىدا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(9)» 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىندا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلسۇن.

  31 - نومۇرلۇق پەرماندا مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بولغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ماقۇللاندى، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بولغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلسۇن.

  32 - نومۇرلۇق پەرماندا مۇنداق دېيىلدى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىندا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يولغا قويۇلسۇن.

  33 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىدا مۇنداق دېيىلدى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى>، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللەر قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىندا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  34 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىدا مۇنداق دېيىلدى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىلىرى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2015 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىندا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر