باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار تىكرىتقا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى

2015.09.08 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇنسۇرلىرى 6- سېنتەبىر ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكرىتقا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى قوغداۋاتقان ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. ئاشكارىلىنىشچە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە تىكرىت شەھەرنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىن شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قوزغىغان.

  تىكرىت ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىن شىمالىغا 170 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنىڭ يۇرتى. ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرى ئىراقتا ئېغىر قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغاندىن كىيىن، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تىكرىتنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئىراق ئارمىيەسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرقانچە كۈن كەسكىن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، تىكرىتنى قايتۇرۇۋالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر