باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سېنتەبىر ئېيىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىنجىسى ئېلان قىلىندى

2015.09.08 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەدەنىيەت تورى ئۇيۇشتۇرغان 2015-يىلى8-ئايدىكى«ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى مەن كۆرسىتىمەن، مەن باھالايمەن» پائالىيىتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان موڭغۇلكۈرە ناھىيە قاشاجار بازارلىق ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسى ۋۇ جىيەنجې، ئۆزى پۈتۈن خىراجەتنى چىقىرىپ يۇرتداشلار ئۈچۈن «دېھقانلار قىرائەتخانىسى»قۇرغان خېجىڭ ناھىيە نەمىنمودۇن يېزىسىدىكى دېھقان توختى قۇۋان، ئالتە يىل قوشنا بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان نىلقا ناھىيىسىنىڭ قاراتۆپە يېزىسىدىكى پىنسىيىگە چىققان خىزمەتچى ئالماسبىك سادۇ قاتارلىق 30 كىشى تاللاندى.

  2015-يىلى8-ئايدا «ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى مەن كۆرسىتىمەن، مەن باھالايمەن» باھالاش پائالىيىتى8-ئاينىڭ6-كۈنىدىن باشلاپ تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەدەنىيەت تورىدا قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كەڭ تور ئەھلى قىزغىن بېلەت تاشلىدى.8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە،جەمئىي تاشلانغان بېلەت590528كە يېتىپ، ئۇنۈملۈك ھالدا توردا ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر