باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق ئارتىسلىرى زامانىۋىي مەدەنىيەتنى تارقىتىشتىكى قابىل كۈچ بولۇپ قالدى

2015.09.09 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(تاھىرجان نىياز):يېقىندا شايار ناھىيە يانتاقشەھەر يېزا ئاقتىكەن كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن كوللىكتىپ توي مۇراسىمىدا تويبولدى بازىرىدىن تەكلىپ قىلىنغا خەلق ئارتىسى ئەھەت توختى بىلەن سەمەت رىشىت ناغرا بىلەن سوناي چېلىپ،كەنتتىكى دېھقان ياشلىرىدىن تەركىپ تاپقان سەنئەت ئەتىرتىنىڭ ئارتىسلىرى سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاپ،توينى ئاجايىپ قىزىتىۋەتتى.ھازىر بۇ ناھىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىشىقەدەم ۋە ياش خەلق ئارتىسلىرى كۆپۈيۈپ،تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرماقتا،شايار ناھىيەسى ئىلغار ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋىج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى جانلاندۇرۇش،بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت قابىللىرىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم دەپ قاراپ،يېزا، كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرىپ قىلىپ، ھەممە يېزا، كەنتلەردە دېھقانلار كۈڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەت سورۇنى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 9 مىليون 400 مىڭ يۈەن، يەرلىك جۇغلىغان 25 مىليون 600 مىڭ يۈەن بولۇپ جەمئىي 36 مىليون يۈەننى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيىلەش، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئىچىش بىر گەدە قىلىنغان كەنت دەرىجىلىك پائالىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇشقا سەرىپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام بازىسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ،رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى.115خەلق ئارتىسىغا ئۈچ دەرىجە بۇيىچە ئايدا 100،200، 300يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى بەلگىلەپ بەردى.ھەر قايسى يېزا،كەنتلەر سەنئەت ئېقتىدارى بار دېھقانلارنى تاللاپ سەنئەت ئەتىرتى قۇردى.ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يانتاقشەھەر يېزا ئاقتىكەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گوروپپىسىدىكى كادىرلار ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ،دېھقان ئارتىسلارنى سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىدە تەربىيەلەپ،«پۇقرالار سەنئەت ئەتىرتى»قۇرۇپ چىقتى.قايلور يېزا توقاي كەنتىدىن دېھقان ئارتىس پەرھات مەھەمەت مۇنداق دېدى:«مەن كىچىكىمدىن گىتارغا قىزىقىپ،ئۆزلىكىمدىن چېلىشنى ئۆگەنگەن.كەنتىمىزدە داۋاملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ.مەيلى كىتاب ئوقۇيلى،مەيلى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنايلى،ھەممە شارائىت تولۇق.مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە تالانتىمنى جارىي قىلدۇرالايمەن»

  نۆۋەتتە،شايار ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا، بازار،كەنتلىرىدە 100گە يېقىن «دېھقانلار سەنئەت ئەتىرتى»قۇرۇلۇپ،مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئارتىس بارلىققا كەلدى،ئۇلار ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىدا ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ،ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىپ،ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش،ئىناقلىق،مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر