باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى   شى جىنپىڭ تەبرىك تاختىسىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى

2015.09.09 16:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  50 يىللىق بوران - چاپقۇن، 50 يىللىق شانلىق مۇساپە. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما بولۇپ 20 مىڭغا يېقىن كىشى 8 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن لاسا شەھىرىدىكى بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىغا يىغىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  قەدىمىي شەھەر لاسانىڭ ھەممە جايى رەڭگا رەڭ بايراق ۋە گۈللەر بىلەن تولغان بولۇپ، خۇشاللىق سادالىرى ياڭرىماقتا ئىدى. ھەيۋەتلىك بۇدالا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا شىزاڭ ئۇسلۇبىدىكى يىغىن رەئىس سەھنىسى ياسالغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە «شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دەپ يېزىلغان خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئارقا كۆرۈنۈش تېمىغا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىن بەلگىسى ۋە «1965»، «2015» دېگەن خەت - سانلار ئېسىلغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا رەڭلىك بايراقلار لەپىلدەپ، دۇمباق ئاۋازى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت ئامما بۇرۇنلا تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ بۇ يەرگەن جەم بولغانىدى، ئۇلار قوللىرىدا دۆلەت بايرىقى، رەڭلىك بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى لوساڭ جياڭسۈن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بۇدالا ئىبادەتخانىسى مەيدانىدا ئاستا - ئاستا چىقىرىلدى. مىللىيچە كىيىنگەن پىيونېرلار رەئىس سەھنىسىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە گۈل تۇتۇپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئىپادىلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

  يۈ جېڭشېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىزاڭ قۇرايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن تەبرىك تاختىسىنى سوۋغا قىلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەيما چىلىن تەبرىك تاختىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قايناق ھېسسىياتلىق سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىقا ۋاكالىتەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، ھەر ساھە زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر - جەڭچىلىرى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شىزاڭنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، شىزاڭنى قىزغىن سۆيگەن، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللىك مۇھاجىرلار ۋە خەلقئاردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  يۈ جېڭشېڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يېقىندا مەركەزنىڭ 6 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقانلىقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، بۇ، پارتىيەنىڭ شىزاڭ خىزمىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلاندى. مەركەز شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاق مۇددەت قۇرۇش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل بولغان يېڭى شىزاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ بەختلىك يېڭى تۇرمۇش يارىتىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر