باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولايلى

يۇ لياڭيىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىش - پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

2015.09.09 16:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەن 1 - شى 13 - تۈەنىنىڭ ئىشچىسى يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىلغار ئىش - پائالىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بىڭتۈەننىڭ ئىشچان، ئاددىي - ساددا، ئاق كۆڭۈل ئىشچىسى يۇ لياڭيىڭ ئاشۇ قىزغىن مېھرىبانلىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن «قەلبىڭدە مەن، قەلبىمدە سەن» دەيدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئىلغار نەمۇنىچى: يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى ئوينايمەن

  بۇ يىل 7 - ئايدا «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەم» بولۇپ باھالانغان چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى نۇرمەمەت نىياز مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشلىرىم ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن. بۇنىڭدىن كېيىن قوشنىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.

  مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى، باي ناھىيەسىدىكى «تەبەسسۇم» تاكسى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى دىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «مەن يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئىلگىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بەرسەممۇ، مىللەتلەر بىللە ئۆتۈش جەھەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش، ئارلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمەن».

  قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوردۇن كەنتى ئاھالىسى قۇربان تۇراخۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يۇ لياڭيىڭغا ئوخشاش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىتتىپاق ئۆتسىلا، بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى گۈزەللىشىدۇ، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى شېرىن بولىدۇ.

  كەنتكە چۈشكەن كادىر: يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، كەنت ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى ھويلا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىپ، ھەر بىر ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، كەنت ئاھالىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمەن، كەنت ئاھالىسى بىلەن ئاكا - ئۇكا، ياخشى دوستلاردەك ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوشساتما يېزىسى قوشساتما كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مىشا مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، دوستلۇق قاتارلىق كەم بولسا بولمايدىغان مۇنەۋۋەر ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر چۈشەندۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسى لايپاتقان كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرى چى ۋېي يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر ئېغىز سۆز قىلمىغىنى بىلەن، چىن قەلبى ۋە ئەقىدىسى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلبىمىز، ئەقىدىمىز بىلەن كەنت ئاھالىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىمىز.ئاساسىي قاتلام كادىرى: يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

  قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شاڭ مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇھىم نۇقتا «ئارلىشىش»تا، يۇ لياڭيىڭ ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇشىغا ھەقىقىي سىڭىپ كىردى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 33 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنىڭ «بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش» دېگەن ئاساسىي تېمىسى بىلەن يىلتىزداش.

  ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو جيەنفېڭ يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىز ناھىيە تەۋەسىدە تەشۋىقاتنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يۇ لياڭيىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىش - پائالىيەتلىرىنى رادىيو، تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىتىپ، يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيەدە ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، ھەممە كىشى نەمۇنىچى تىپلاردىن بولۇشنى خالايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز.

  بورتالا شەھىرى چىندېل يېزىسى ئاز سانلىق مىللەت كۆپ ئولتۇراقلاشقان يېزا، بۇ يېزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شې يەنخۇڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىلغار ئىش - پائالىيەتلىرى بىزگە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرگەندىلا، قەلبىمىز يىلتىزغا ئوخشاش تۇتىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسى يۇقىرى ناچۇق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نيۇ جىڭمىن مۇنداق دېدى: بىز يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىلغار ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.

   ھەربىي ئوقۇتقۇچى: يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭچە روھنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىمىز

  69024 - قىسىمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ليۇ كۇن مۇنداق دېدى: يولداش يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى بىزگە ئىلھام بەردى، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىدە كىچىك ئىشلار، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

  69010 - قىسىمىدىكى ئوفىتسېر ليۇ شۇەي يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، چوڭقۇر تەسىراتقا كېلىپ مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش، پايدا - مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماسلىق، جاپالىق كۈرەش قىلىشتەك ياخشى ئىستىلى، شۇنداقلا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىشتەك غەرەزسىز روھى بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، بىز چوقۇم ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، يولداش ليۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن شىنجاڭچە روھنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىمىز.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل، ھەر بىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، يولداش يۇ لياڭيىڭدەك ئىش ئورنىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى قىلساقلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر ۋاقىت ئېچىلدۇرالايمىز»، دېدى ئاۋات ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى روزى نىياز، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكۈچى بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  «ئىككى كۈندىن بېرى مەن دەرسخانىدا ھەر كۈنى يۇ لياڭيىڭنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن. <يۇ لياڭيىڭ شامىلى>نىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە ئەۋج ئېلىپ، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ نا.

  ھەر مىللەت ئامما: يۇ لياڭيىڭدىن ئۆگىنىپ، ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمىز

  گۇما ناھىيەسى مۇكۇيلا يېزىسىدىكى شۈ لې يۇ لياڭيىڭ ۋە مەمەت تۇرۇپ مۇساق ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇنبەت تۇپراق بار، ئۇرۇق تېرىپ قويساقلا، جەزمەن كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ.

  جىمىسار ناھىيە چىڭياڭخۇا يېزىسى دۇڭچىڭ كەنتىدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى سۇ سىمىڭ مۇنداق دېدى: ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، ھەر بىر كىشى يۇ لياڭيىڭدەك كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسى يارقاش كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇنجان ھامۇت مۇنداق دېدى: مەن يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالامغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن.

  قۇمۇل شەھىرى شەرقىي ئۆستەڭ رايونى كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى شىڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن، شىنجاڭ روھىنىڭ مەزمۇنىنى شەرھلەپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر