خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى 8- سىنتەبىر ناھىيەلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا 31- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەىبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 2014-2015- ئوقۇش يىلىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى مۇكاپاتلىدى ۋە پېنسىيەگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ، پائالىيەتتە يەنە، شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ « تۆتتە بىر تۈركۈم » خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە كۇچا ناھىيەسىگە ھال سوراش ئويۇنى قۇيۇشقا كەلگەن ئارتىسلار ۋە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار سەنئەت گۇرۇپىلىرىدىكى ئارتىسلار مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيىتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
سۆرەتتە: 8- سىنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 31- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەىبىرىكلەش پائالىيىتىدىن كۈرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى