باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داشى كەنتى غەمخورلۇققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يېڭى سەھىپەئېچىشقا تىرىشماقتا

2015.09.09 16:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 9 - سېنتەبىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىگە جاۋاب خەت يازغانلىقىغا بىر يىل بولىدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىسىگە خەت يېزىپ، كەنت پارتىيە ياچېيىكىسىنىڭ يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتتەك بىر يەرگە ئويۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغانىدى ھەم يۇرتداشلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆتۈشىنى تىلىگەنىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، داشى كەنتىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي تۇتۇپ، داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش −− پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بەئەينى قۇياش نۇرىدەك ئىللىق

  ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئىككى ئەۋلاد رەھبىرى داشى كەنتىگە ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم جاۋاب خەت يازدى. بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتىدىكى ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە سالىمىنى يازما خەت شەكلىدە ئىپادىلىدى. باش شۇجى خېتىدە مۇنداق يازغانىدى: «سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، خەتنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. بەش يىل ئىلگىرى، سىلەرنىڭ داشى كەنتىڭلارغا بارغان چېغىمدا، يۇرتداشلار بىلەن ناھايىتى ياخشى پاراڭلاشقانىدۇق، بۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە، كۆپچىلىكنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن. كەنت پارتىيە ياچېيىكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇددى قۇملۇقتىكى توغراقتەك يىلىتىزداش، بىر نىيەتتە بولۇپ، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

  خەتنى كۆرۈپ خۇددى ئۆزىنى كۆرگەندەك بولغان داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى ھېس قىلدى، باش شۇجىنىڭ سۆزى «شەبنەم تامچىلىرى» دەك ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ ئورۇن ئالدى. داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ھەر قېتىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا دائىم قاتتىق ھاياجانلىنىپ: «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى كۆرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى خۇددى قۇياش نۇرىدەك داشى كەنتىنى يورۇتۇپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئىللىقلىق بەخش ئەتكەندەك ھېس قىلدۇق. خەتكە يېزىلغان باش شۇجىنىڭ سۆزى ئاشۇنداق ئاددىي بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە شۇنچىلىك يېقىن ئىدى»، دېدى.

  بىر پارچە خەت غەمخورلۇقنى ئىپادىلىدى. داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نىسبەتەن جاۋاب خەت داشى كەنتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى، ئۈچ قېتىم جاۋاب خەت يېزىلغان ئون يىلدىن بۇيان، داشى كەنتىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمى 2005 - يىلىدىكى 7136 يۈەندىن كۆپىيىپ 2014 - يىلىدىن 25 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنت بويىچە ئوتتۇرىچە كىرىمنى 27 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10 ئاشۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى.

  تىرىشىپ ئالغا بېسىش −− داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرۈش

  «ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ كۈنىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش كېرەك». بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدە داشى كەنتىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى بولۇپ، ئۇ داشى كەنتىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىكى كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى بەئەينى باھار شامىلىدەك داشى كەنتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى، داشى كەنتىنىڭ ھەممە يېرىدە تەرەققىيات مېلودىيەسى ياڭراپ، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ئاممىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سىجىل تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى.

  لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم جاۋاب خەت ئارقىلىق زىممىسىدىكى ئېغىر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدى. بۇلتۇر لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتكۈل ناھىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ، «زور داشى» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، داشى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى تەسىس قىلىپ، داشى كەنتىنىڭ زامانىۋى كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى ئىلمىي راۋاجلاندۇرۇپ، تېز ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم داشى كەنتىدە مەخسۇس تېما بويىچە داشى كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق 21 فۇنكسىيەلىك تارماقلار داشى كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى ئۈچۈن، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، «ئوبلاستنىڭ ئەقىل - پاراستىنى يىغىپ، ئوبلاستنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەش» ئارقىلىق داشى كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئەمەلىي ئىشلەش −− «داشى كەنتى» دىن ئىبارەت كۇرسلۇق نام تېخىمۇ يارقىنلاشتى

  ئۇلۇغ پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىش - ئاشماسلىقىدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ سىناش ئاچقۇچ، جاۋاب خەت روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتى گۈللەپ ياشنىدى −− ئېتىز قىرلاردا يېڭىدىن ياسالغان كۆكتات پارنىكى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتتى. ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: ھازىر داشى كەنتىمىز يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كۆكتات پارنىك تېرىقچىلىقىغا ياردەم بېرىپ، ناھىيە بازىرىدا كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، ئوبوروت ھالقىسىنى قىسقارتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ.

  چۆل - جەزىرىدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بېكىتكەن داشى سانائەت تەرەققىيات رايونى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كارخانىلار داشى كەنتىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېلىپ، داشى كەنتى بىلەن ھەمكارلاشتى. كەنتتە داشى كەنتىدىكىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭدىكى ناھىيەلەر ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى بولدى، داشى كەنتى بايىنغولىن ئوبلاستى، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە بايلىقى يىغىلغان جاينى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بۇ يىل داشى كەنتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خۇاشى كەنتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قوشماق بولۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلىش كېلىشىمى ۋە رامكا كېلىشىمى ئىمىزالىدى. ھازىر، 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا دائىر ئىجارە ھەمكارلىق تۈرى بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىپ، تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. جاۋاب خەت يېزىلغان بىر يىلدىن بۇيان، داشى كەنتىدە ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ زور مەدەت، داشى كەنتى مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر