باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇياش نۇرىدا كۆكلىگەن زېمىن

−− شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا خاتىرە

2015.09.11 09:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ قار لەيلىسى تەڭرىتاغدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تەڭرىتاغدا كۆكلەيدۇ. قار لەيلىسىدەك چىدامچان ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقىدا غايەت زور يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، گۈزەل ئارزۇلارنى روياپقا چىقاردى.

  قاناتلانغان ئارزۇ ناخشىلىرىنى ئاڭلاڭ!

  30 ياشقا قەدەم باسقان ئىمىنجان مەمەت تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 18 يېشىدىن بۇرۇن، ئائىلىسى نامرات ئىمىنجان مەمەت قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چەت، يىراق يېزىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى تاماملىغان، كېيىنكى ئون يىلدا بېيجىڭدا تولۇق كۇرس ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئۇ ھازىر ئالاھىدە كىرگۈزۈلگەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورنىدا كىشىلىك ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىمەكتە.

  ئىمىنجان مەمەت ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيالمىغان بولاتتىم، بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتىم. ئۆز تىرىشچانلىقىم بولمىغان بولسا بۇنداق ياخشى پۇرسەتكىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم.

   شىنجاڭغا 47 مىللەت توپلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ شىنجاڭدا ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللەتتىن 13 بار. 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 22 مىليون 643 مىڭغا يېتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت %60نى ئىگىلەيدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى رايون، شەھەرلەر بىلەن تەرەققىيات پەرقى بولسىمۇ لېكىن شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ۋەتىنىمىزنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەتەننىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىپ، «ئارزۇغا يېتىش - ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش» مۇساپىسىدە ئۆز كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش، ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نۇقتا بېكىتىپ يۆلەش... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدىن شىنجاڭغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللاشتى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللاش، ياردەم بېرىش سالمىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارزۇسىغا يېتىش، ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

  مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. ھازىر، شىنجاڭنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمى ئاپتونوم رايون GDPسىدا %6.7نى ئىگىلەيدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 14 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭدا، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار 360 مىڭغا يېتىدۇ، كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %50.3 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى 260 مىڭغا يېتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ %56ىنى ئىگىلەيدۇ. 2009 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت مەمۇرلىرى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى%29.9تىن %42.1كە ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي ئورنى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  2014 - يىلى، مەملىكىتىمىزدىكى 45 شەھەردىكى 93 مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭغا قايتىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوغدىغۇچى، قۇرغۇچى ۋە شاھىتىغا ئايلاندى.

  «شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىمەن ۋە شاھىتى بولىمەن». رۇسىيەنىڭ سانت پېتىرىبۇرگ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان قازاق قىز گۈلنار سېرجاننىڭ كېلەر يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشى پۈتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت قىز گۈلنۇر تىرىشىپ ئوقۇپ باشقا كۆپلىگەن ئوقۇشتا نەتىجە قازانغان ئىختىساسلىقلارغا ئوخشاش ئائىلىسىنىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانماقتا.

  ئۆزگىرىش ئىزلىرىغا نەزەر سېلىڭ!

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن مەمەت قاسىم ئاددىي كىيىنىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن مال - مۈلكى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. ئۇ 2008 - يىلى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى سوقماق ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك كارخانىسىنى 300 كىۋادراتتىن ئاشىدىغان زاۋۇتقا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە «ئەلشىپا» دېگەن تاۋار بەلگىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى QS بەلگىسىنى بېجىرىدۇ.

  2011 - يىلى، خوتەن - قەشقەر - ئۈرۈمچىگە پويىز قاتنىدىغاندىن كېيىن مەمەت قاسىمنىڭ كالىسىغا مەھسۇلاتىنى سېتىش يېڭى ئۇسۇلى كەلدى: ئۇ پات - پات پويىزغا ئولتۇرۇپ گۇما ناھىيەسى بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىپ يۈرۈپ، پويىزدىكى يولۇچىلارغا ئۆز زاۋۇتىنىڭ سوقماقلىرىنى ساتتى. بۇنداق ئۆزگىچە سېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇ كۆپلىگەن يڭى خېرىدارلارغا ئىگە بولدى.

  ئاپتوموبىل قاتناش، پويىز قاتناش، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرۇش ئىلگىرى نەچچە ئەۋلاد شىنجاڭلىقلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇبىر ئىشقا ئاشتى شۇنداقلا 60 يىللىق شىنجاڭدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندى. ئۆتكەن قىسقىغىنا بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يولى «ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللىق پويىز»، «ئاددەتىكى تېز پويىز»دىن «ئېلېكتىرلەشكەن دەۋر» ۋە «يۇقىرى سۈرئەتلىك دەۋر»گە ئۆتتى.

  2009 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 427 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 927 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ 258 يۈەندىن 23 مىڭ 214 يۈەنگە ئۆستى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3883 يۈەندىن 8724 يۈەنگە يەتتى، كۆپ قىسىم كۆرسەتكۈچ بەش يىلنىڭ ئالدىدىكىسىدىن ئىككى - ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

  چەت، نامرات چېگرا رايوندىن گۈللەپ تەرەققىي قىلغان ئېچىۋېتىلگەن رايونغا ئاندىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىغا ئايلىنىشى... شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن نەپكە ئېرىشمەكتە.

  «جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تېرەك». شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتى ياراتقان پۇرسەت ۋە سۈپىدىن پايدىلانغان پۇقراۋى كارخانىچى تاجىك يىگىتى مايىرجان باشقۇرۇۋاتقان شىنجاڭ «جۇڭپا» مەبلەغ سېلىش، پاي كونترول قىلىش گۇرۇھىنىڭ كەسىپ دائىرىسى ئېكسپورت - ئىمپورت سودا، ئۆي مۈلۈك، نېفىت ۋە خىمىيە مەھسۇتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە مايىرجان نام چىقىرىپ، تۆھپە ياراتقان بولسىمۇ، يەنىلا بوشاشماي تىرىشىپ، تىجارىتىنى دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغىچە كېڭەيتتى.

  رەڭدار گۈزەل مەنزىرىگە قاراڭ!

  مۇنبەت مەدەنىيەت تۇپرىقى، مول مەدەنىيەت بايلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرىنى يېتىلدۈردى. ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا زامانىۋى مەدەنىيەتنىمۇ قوبۇل قىلدى.

  شىنجاڭدا ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ كىتابخانلاردىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلار كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ھازىر، شىنجاڭدىكى ئون مىللەت ئۆز تىل ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بەش خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، «شىنجاڭ گېزىتى» تۆت خىل تىل - يېزىقتا پىروگرامما كۆرسىتىدۇ ۋە گېزىت چىقىرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر شىجاڭدىكى تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئىچىدە كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئوقۇتۇش بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر، خەنزۇچە، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، رۇس قاتارلىق يەتتە تىلدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

  زامانىۋىلىشىش يولىغا قەدەم قويغان شىنجاڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا بىر گەۋدە كۆپ مەنبەلىك، بىرلەشكەن - ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قېزىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  زامان ۋە ماكان ھالقىغان ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرە مەمەت «جۇڭگونىڭ ياخشى ئۇسسۇلچىسى» مۇسابىقىسىدە ئۇسسۇل ئويناپ نام چىقاردى؛ قازاق ناخشىچى تاسقىن «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» مۇسابىقىسىدە مەملىكەتكە تونۇلدى؛ «جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر قامۇسى» پىروگراممىسىدا قازاق يىگىتى داۋۇلجان ئېرخالىق شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن قىز لى فەن بىلەن بەسلىشىپ، قالتىس تالانتىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ ماھىرلار ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت سەنئىتىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى ئاساسىي مېلودىيە قىلىپ، ئىشلەش ئۇسۇلى، ئورۇنلاش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى مودا ئېلېمېنتلارنى قوشقاندىلا شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەسەرلىرى تېخىمۇ بازارغا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. «قانچىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا شۇنچە دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ». كەسپىي زاتلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، قارىماقتا، بۇ شىنجاڭ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سەنئەت ئىجادىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئېچىلغانلىقىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قەلبىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەنلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر