باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تەقدىرلەندى

2015.09.11 10:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى 8 - سېنتەبىر 31 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىپ، 100 «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»، 100 مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى بىلەن 120 مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى.

  بۇ قېتىمقى باھالاشتا «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 79 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مېھرىگۈل ئىبراھىم مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈنكىدەك تەقدىرلەشكە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. 30 يىللىق خىزمەت ھاياتىمدا نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەنىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن.

  بۇ قېتىمقى باھالاشتا مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇپ باھالانغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەيھانگۈل ئابلىز مۇنداق دېدى: مەن خىزمەتكە چىققىلى 19 يىل بولدى، تەشكىلنىڭ خىزمىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن مانا بۈگۈن مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇپ باھالاندىم، بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپاغا چىداپ ئىشلىسىلا چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر