باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 ئوقۇتقۇچى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى

2015.09.11 10:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 9 - سېنتەبىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىدى. تەقدىرلەش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا تەقدىرنامە تارقاتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 03 ئوقۇتقۇچى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» شەرىپىگە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 31 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئالاھىدە تەبرىكلەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇش دولقۇنىنى قوزغاش ئۈچۈن، شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لارنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ باھالاشتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارغا «تارىخ ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، پەزىلىتى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، كەسىپكە پىششىق بولغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش» ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لارنى باھالاپ چىققان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر