باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل مۆجىزە يارىتىش

−−ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2015.09.11 10:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاقىت تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 60 يىل ئۆتتى، 1 مىليارد 660 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  شىنجاڭ قاقاسلىقتىن گۈللىنىشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا يۈزلەندى. 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتەك روھ بىلەن، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتى تۈپتىن يېڭىلاندى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى يىلدىن - يىلغا ئۆستى... بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 23 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك شانلىق سەھىپىلەرنى ئاچتى.

  (1)

  بەزىلەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى كۈل رەڭ ئىدى، دەيدۇ.

  ئۇ نامرات، ئاجىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئارقىدا قالغان كونا شىنجاڭ. ئەينى چاغدا شىنجاڭ بىر تال مىخنىمۇ ئىشلەپچىقىرالمايتتى، شىنجاڭدا بىرەر تۆمۈريول، تىلغا ئالغۇدەك زاۋۇت ۋە كانمۇ يوق ئىدى، بەزى جايلاردا دائىم ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قېلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غۇربەتچىلىك، نامراتچىلىقتا ئۆتەتتى.

  تارىخ 1949 - يىلى كۈزدە باشقىدىن يېزىلدى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى ئېرا ئېچىلدى.

  1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا يەنە بىر چوڭ ئىش بولدى، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى بولۇپ، كونا مىللىي مۇناسىۋەت تۈپتىن ئۆزگەرتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

  60 يىللىق بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، 60 يىلدا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىندى. 60 يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ۋەتەننىڭ چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ كۈندىن - كۈنگە راۋاجلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  (2)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باشلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن، ئاساسىي ئاجىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قالغان ئاساستا قۇرۇلغانىدى. 1955 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئىدى.

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى باشتىن - ئاخىر بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەرنى زاماننىڭ تەلىپىگە لايىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش بېكىتىلىپ، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئىچكى جەھەتتە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىشتەك شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىسىتىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئورناتتى؛ تاشقى جەھەتتە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكام بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا كىرگەندە، شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى: مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى؛ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك تارىخىي قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ دۇنياغا، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭ يادرولۇق رايون قىلىپ بېكىتىلدى.

  تارىختا شىنجاڭنىڭ ھەر بىر ئالقانچىلىك زېمىنى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر غەمخورلۇق، سەمىمىي ئۈمىدكە تولۇپ باقمىغانىدى ھەم بۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش، تېز ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىش، يول ئېچىپ مېڭىش، يېڭىلىق يارىتىشتەك مىسلىسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى.

  (3)

  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەملىكەت خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى كۆزلەش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى بولۇپ كەلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، مەركەز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن كۆزىتىپ پىلانلىدى ھەم شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

  تەرەققىيات بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى، تەرەققىيات ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ تۇپراقنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى، بايلىق بېجى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىندى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش سالمىقى زور، چىقارغان سىياسىتى كۆپ، سالغان مەبلىغى نۇرغۇن، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش.مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىيات يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش، تېز ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى، شىنجاڭ زېمىنى باھار شامىلىغا چۆمدى، ھاياتىي كۈچكە تولغان قايناق تۇپراققا ئايلاندى.

  (4)

  بۇ بەش يىل، ئۆزگەرگەن، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بەش يىل.

  «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدە كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىر قاتار قىيىنچىلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئادەتتىن تاشقىرى ئىرادە ۋە غەيرەت، چىدام بىلەن، ۋەتەن زېمىنىنى قەتئىي قوغداشقا ئىرادە باغلاپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتا يولۇققان بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۆپلىگەن تارىخىي قەرز ۋە تارىختىن قالغان مەسىلىلەرنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەندىن باشقا كىم قادىر، دەيدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەلەپچان بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ زېمىنىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى، تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش رولىنىڭ سىجىل كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۈكسىلىش دەۋرىگە كىرىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، سۈپىتى ئەڭ ياخشى، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  شىنجاڭ ئىقتىسادى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شامىلىدا ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتىدا، بەش يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى چوڭ ھالقىش، تېز ئىلگىرىلەش شانلىق مۇساپىسى مۇنداق كۆرسىتىلدى:

  2014 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 927 مىليارد 346 مىليون يۈەن بولۇپ، 2009 - يىلىدىكىدىن 1.15 ھەسسە ئاشتى؛ بەش يىلدا 100 مىليارد يۈەنلىك بەش چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى%11.1كە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2009 - يىلىدىكى 30 - ئورۇندىن 4 - ئورۇنغا ئۆتتى.

  2014 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مالىيە كىرىمى 2009 - يىلىدىكى 88 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن 245 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %22.7كە يەتتى؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 2009 - يىلىدىكى 38 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن 2014 - يىلى 128 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 - يىلىدىكىدىن 2.3 ھەسسە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %27 بولدى.2014 - يىلى شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 974 مىليارد 481 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2009 - يىلىدىكىنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

  2014 - يىلى شىنجاڭدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 23 مىڭ 214 يۈەنگە يېتىپ، 2009 - يىلىدىكىنىڭ 1.9 ھەسسىگە توغرا كېلىپ، يىللىق ئېشىش نسىبىتى%13.6 بولدى؛ 2014 - يىلى شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8724 يۈەنگە يېتىپ، 2009 - يىلىدىكىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى% 17.6 كە يەتتى.

  سانلار ئۈنسىز، ئەمما ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئىلگىرىلىگەنلىكى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ شاھىتى؛ شەھەر، يېزا قىياپىتىنىڭ تۈپتىن يېڭىلانغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغانلىقىنىڭ شاھىتى.

  قىلچىمۇ مۇبالىغە قىلماي شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بەش يىل، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ ياخشى بولغان مەزگىلنىڭ بىرى، ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلنىڭ بىرى.

  (5)

  بۇ بەش يىل يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن، يېڭىلىق يارىتىلغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بەش يىل.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن زور ئىزدەندى ۋە يېڭىلىق ياراتتى.

  −− «ئىلمىي ھالقىش، يېتىشىۋېلىپ ئېشىپ كېتىش»؛ «بەشلەشتۈرۈش»نى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش»، «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسىراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا مېڭىش»، «پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش». بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەسەۋۋۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ھەم تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىندى.

  بۇ بەش يىلدا، ئاپتونوم رايون يىرىك پىلاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، سىياسەت ۋە قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، يەكەن دەرياسىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشلار تېز يولغا قويۇلدى. قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى كۈنلىرى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قەدىمى يىلدىن - يىلغا تېزلىتىپ، سۈپسۈزۈك سۇ، ياپيېشىل تاغلار ئامالنىڭ بارىچە قوغدىلىپ، تەرەققىياتنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  −− شىنجاڭنى «تەستىقلاش تۈرلىرى ھەممىدىن ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا» ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىلدى؛ «ئىچكى جەھەتتە جەلپ قىلىپ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە يەتكۈزۈش»تەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى نىشانى، يېڭى ئىنتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۇرى ۋە ئۇسۇلى بويىچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەڭ قۇرساقلىق بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى.

  بۇ بەش يىلدا شىنجاڭ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، %35 تىن كۆپرەكىنى ئازايتىشتەك ئىسلاھات نىشانىنى ئالدىنئالا ئىشقا ئاشۇردى. قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تاشقى ئىقتىساد - سودا سوممىسى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  −− «خەلق تۇرمۇشى ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم» دەيدىغان ئىدىيە پۇختا تۇرغۇزۇلۇپ، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتى ئۇدا ئالتە يىل قانات يايدۇرۇلدى. بۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەر خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  بۇ بەش يىلدا شىنجاڭدا ھەر خىل كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 1 مىليون 630 مىڭ يۈرۈش سېلىنىپ، نۇرغۇن نامرات ئامما ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە بولۇپ، خاتىرجەم قىلىندى؛ 115 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىندى، سېلىنمىنىڭ زورلۇقى جەھەتتە مىسلىسىز بولۇپ، قۇرۇلۇش مىقدارى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 9 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 90 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ سۇ ۋە ئوت قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - بازارلاردىكى 300 مىڭ «7 - ماي» ئىشچىلىرى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، تارىختىن بۇيان قېپقالغان مەسىلە مەملىكەتتىن بىر يىل ئىلگىرى ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 20 مىڭدەك كىشى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا چىقتى. مائارىپ، داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش، يۆلەش - ئېچىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، تەرەققىياتى تېزلىتىلدى، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدىن بەھرىلەندى. بۇ بەش يىل شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى ئەڭ زور، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت ئامما ھەممىدىن كۆپ مەنپەئەتلەنگەن مەزگىل بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈش كۈچى ۋە تەلپۈندۈرۈش كۈچى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى.

  (6)

  بۇ بەش يىل دادىل زىممىگە ئالغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بەش يىل.

  تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچى، يېڭى مۇساپىسىدە، پۇرسەت ۋە خىرىس، ئۈمىد ۋە خەۋپ تەڭ مەۋجۇت. ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاپالىق بىلەن تىرىشىشى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە تايىنىش كېرەك.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن ئىدىيەنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «جان - دىل بىلەن ئىشلەش، پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ ئىشلەش» كە چاقىرىپ، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى تىكلىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، «قابىلمەن» دەيدىغان سۇبيېكتلىق ئېڭى تۇرغۇزۇلۇپ، ساقلاپ تۇرماي ۋە تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە؛ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغىچە؛ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدىن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشكەن يېزا، كەنتلەرگىچە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كەسىپنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، مەركەزنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ روھىي قىياپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە تەلپۈنۈشچانلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش ئىشەنچى كۈنسايىن چىڭىدى.

  (7)

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى «جۇڭگو ئارزۇسى» يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك «جۇڭگو ئارزۇسى»دا ئۆزىگە خاس يېڭى سەھىپە ياراتتى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013 - يىلى 9 - ئايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، شىنجاڭ ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، لايىھە ۋە يىرىك پىلان تۈزۈپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىشىشقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بازىسى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە فوتوۋولت ئېلېكتىر بازىسى، شۇنداقلا دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ قۇرۇقلۇق چوڭ لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جۇڭگونىڭ غەربىگە يۈزلەنگەن قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، شىنجاڭ مەيلى سۈرئەت ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. شىنجاڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، گۈزەل كېلەچەككە يۈزلەندى.

  دۆلەت 2015 - يىلى 3 - ئايدا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈردى.

  قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى جەزمەن دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىگە، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىشىش دولقۇنىدا، شىنجاڭ جەزمەن ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگونىڭ مۈچەل ۋە بۇرچ يىلنامىسىدە 60 يىل بىر قايتىلىما دەۋرى بولۇپ، يېڭى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  2015 - يىلى ئالتۇن كۈز پەسلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يەنە يېڭى چىقىش پەللىسىگە چىقتى. زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېڭى مەنزىلگە سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى قۇتۇپقا يۈزلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىسىتىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامم ىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»دۇر. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر