باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يازلىق داۋۇس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلدى

2015.09.11 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى سەردارلار يىللىق يىغىنى يەنى 9-نۆۋەتلىك يازلىق داۋۇس مۇنبىرى 9-سېنتەبىردىن 11-سېنتەبىرگىچە داليەندە ئۆتكۈزۈلدى.گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن يازلىق داۋۇس مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىي ئەسلىگە كەلمەكتە. كۆپلىگەن خەلقئارا ئاپپاراتلار يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى. ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشكەنسېرى ئىشەنچ شۇنچە ئېشىپ ئۈمىدنى كۆردۇق. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە يېڭى پىلان تۈزۈش باش تېما قىلىندى، شۇنداقلا ھەممىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەندى، يەر شارىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى تېپىپ چېقىلدى ، بۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىلاۋاتقان ئەھۋالدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى %7 ئاشتى ، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى دۇنياغىمۇ نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە تۆۋەنلەش بېسىمىغا يولۇققان بولسىمۇ، بىراق مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى. ئىقتىسادنىڭ شەكلىدە داۋالغۇش بولغان بىلەن ۋەزىيىتى يەنىلا ياخشى. ئىقتىسادنىڭ قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشىغا سەل قارىمايمىز. ھازىر بىز زۆرۈر بولغان نىشانلىق تەڭشەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش، دەل تەڭشەش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتىمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى داۋالغۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماكرو ئىقتىسادنى سىياسىي خاراكتېرلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ساغلام ئېشىش يولىغا قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشقا ئايلاندى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيانقى ئەمەلىيەت مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىش سىياسىتىگە تايىنىپلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى چەكلەۋاتقان قۇرۇلما خاراكتېرىلىك توسالغۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى،بەلكى سەلبىي تاشقى تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ، شۇڭا مۇھىم نۇقتىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىشكە قارىتىش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تاشقى جەھەتتە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنىڭ ئۆزى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش؛ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق تېخىمۇ تەڭپۇڭ،ئومۇميۈزلۈك پايدا يەتكۈزىدىغان يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنى ئورنىتىش؛ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەم بەھرىلىنىش، سىغدۇرۇشچان تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان دۇنيا تەرەققىياتى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز ئوخشاش دۇنيادا ياشاپ، يەر شارىلاشقان دەۋرنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز. بىز خۇددى قان قېرىنداشلاردەك يېقىن، ھەممىمىزنىڭ نىشانى بىردەك. خەلقئارا جەمئىيەت يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق ۋەزىپىسى ئالدىدا جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرشارى ۋە دۇنيادا ھەممىمىز مۇۋەپپەقىيەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىش يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى! بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر