- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانغا تىزىملىتىش تاختىسى بىلەن ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئېتىبار باھالىق بىلىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ
2015.09.11 14:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتۇن ئۆكتەبىر ساياھەت ھەپتىلىكىدە، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىگە ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانغا تىزىملىتىش تاختىسى ۋە كىملىكىگە تايىنىپ 21 شەھەردە (بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، داليەن، جۇخەي، بېيخەي، چاۋ جوۋ، چاڭچۈن، شېنجىن، نەنىڭ، خاڭجوۋ، تەييۈەن، خاربىن، چاڭچۈن، چېڭدۇ، خەيكۇ، خوخخوت، شېنياڭ، نەنجىڭ، نىڭبو، جەنجياڭ) شۇنداقلا چەتئەلدىكى قىسمەن مەنزىرە رايونلىرى ۋە مېھمانسارايلاردا ئېتىباردىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانغا تېزىملىتىش تاختىسى ۋە كىملىكىگە تايىنىپ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى، مېھمانخانىدا تۇرغاندا ۋە تاماق يېگەندە 20-30% لىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر