باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

تىرىشىپ شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇش كېرەك

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى

2015.09.11 09:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن 30 ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  31 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 9 - سېنتەبىر چۈشتن بۇرۇن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئارشاڭ» مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سورىدى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان 30 ئوقۇتقۇچى بىلەن سۆھبەتلەشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 1978 - يىلى قۇرۇلغان، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسى ئەسلىي 1906 - يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچى 1 - پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان، يېتىشتۈرىدىغان ئاساسلىق بازىسى.جاڭ چۈنشيەن 4 - ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىكى 156 - ياتاققا كىرىپ، بۇ ياتاقتا خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان تۆت ئوقۇغۇچى تۇرىدىغانلىقى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، دەسلەپتە ئۆرپ - ئادەت، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ماسلىشالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى، ئەمما كۆپچىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، دائىم بىللە ياشاش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى كۈچەيگەنلىكى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتە ياخشى ھەمراھلاردىن، تۇرمۇشتا ياخشى ئاچا - سىڭىللاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ساۋاقداشلارنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئوقۇش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىللە تۇرۇش، بىرلىكتە ياشاش، تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە قوللانغان بۇنداق ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەر مىللەت ساۋاقداشلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.2 - ئوقۇتۇش بىناسىدىكى 201 - سىنىپتا، بۇ مەكتەپنىڭ موڭغۇل دوتسېنتى ۋاڭ جيەنخۇا كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىدە ئىككى سىنىپتىكى 81 ئوقۇغۇچىغا «جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىن ئاساس» دېگەن دەرسنى ئۆتۈۋاتاتتى. مەكتەپتىكى مەسئۇل يولداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەكتەپ بۇ دەرسنى ئەڭ نادىر دەرس قىلىپ چىقىشقا كۈچىگەن ھەم مەكتەپكە كەلگەن ھەر بىر يېڭى ئوقۇغۇچى جەزمەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەرس قىلىپ بېكىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەكتەپ بىلىم بېرىدىغان ھەم ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئورۇن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلار. پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم بازىسى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار تىرىشىپ «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇش تەلىپىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتۇش نىشانى قىلىپ، كەسىپنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشى كېرەك.

  مەكتەپ ھويلىسىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىغا ئۆگىنىشكە ماڭغانىدى، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتقانىدى، بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋاسكېتبول، پۇتبول ئويناۋاتقانىدى. جاڭ چۈنشيەن شۇجى تەنتەربىيە مەيدانىغا، ياتاق ئالدىغا، كۇتۇپخانىغا بارغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، جاڭ چۈنشيەن شۇجى بىلەن كەلگۈسى پىلانلىرى، ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى، يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى.

  شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى»دىن زامانىۋى مەدەنىيەت، ئالاقە تورى دىن سىياسىيون ساموئىل خانتىڭتون، مائارىپچى جون دېۋېي، ماركىسىزم نەزەرىيەچىسى گۇڭ يۈجىغىچە بولغان مەزمۇنلاردا، جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەڭ كۇشادە سۆزلەشتى، كۆپچىلىك جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئىلغار كۆز قارىشىنى توختىماي قىزغىن ئالقىشلىدى.

  مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا، جاڭ جۈنشيەن شۇجى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇپ سايلانغان 30 ئوقۇتقۇچىنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىنى ئاچقانلىقى بىزنى ھەسسىلەپ رىغبەتلەندۈردى، <تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى> بولۇش تەلىپى نىشانىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ زورلۇقىنى ھېس قىلدۇق»، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتۇش شارائىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى»، «قوش تىل مائارىپى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كەڭ زېمىن ئېچىپ بەردى»... سۆھبەتتە يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زۆھرەگۈل مەمەت، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى سۇڭ شىنۋېي، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تاشپەلەمپەي يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلجەننەت ماخات، خوتەن ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ خەييىڭدىن ئىبارەت تۆت ئوقۇتقۇچى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بولغان سالىمى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈردى!جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ ئىشلىرىغا، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېقىندا مەخسۇس مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. يىغىندا كەلگۈسىدىكى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، نىشانى، ۋەزىپىسى ئېنىق بېكىتىلىپ، تارىخ ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، پەزىلىتى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، كەسىپكە پىششىق بولغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇش ئۆلچىمى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك 30 شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»نىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۆزىنى مائارىپقا بېغىشلاش، كىشىلەرگە شوتا بولۇشنى خالاشتەك ئالىيجاناپ روھنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىش يۈكسەك شەرەپ بولۇپلا قالماستىن، ئېغىر مەسئۇلىيەت. كۆپچىلىكنىڭ شەرەپنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارغا تەسىر قىلىپ، يېتەكلەش ۋە ئۈلگە بولۇش، باشلامچىلىق قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللىغانلىق مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپنى تاللىغانلىق. ئوقۇتقۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «غايىلىك، ئېتىقادلىق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، مۇكەممەل بىلىملىك، مېھىر-شەپقەتلىك ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭچە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، توغرا يولدا ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، سىياسىي بۇرچ ئېڭىغا ئىگە بولۇشى، ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشتە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئوقۇتقۇچىلار رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ئوقۇغۇچىلارنى دەۋر تەرەققىياتىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەتلىك، زامانىۋى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ئوقۇتقۇچىلارنى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، زامانىۋىلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپتە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، دەرس بېرىدىغان كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇشقا تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئىدىيەسى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە بىلىمى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل - ئىدراك ئىشىكىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، بەي جىجيې، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر