خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ پەيتتە،« 60 نەپەر شىنجاڭلىق خەتتات ۋە رەسسامنىڭ ھۆسنخەت ۋە رەسىم بىلەن گۈزەل يۇرتنى مەدھىيلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ھۆسنخەت، رەسىم ۋە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 60 نەپەر خەتتات ۋە رەسسامنىڭ 75 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى
ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم ، ماي بوياق رەسىم ، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئەسەرلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەنئەتكارلار تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئىجاد قىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ قوماندان بايرىقى سەنئەت سارىيى، شىنجاڭ يىپەك يولى رەسىم يۇرتى، شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا تورى ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى يىغىپ ساقلاش جەمئىيىتى، تەڭرىتاغ رايونى مەدەنىيەت تىجارەت جەمئىيتى ھەمكارلاشقان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە 10 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى