باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىگىلىك تىكلەش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى- سالاھىدىن

2015.09.30 16:00   مەنبە: خەلق تورى

ئىگىلىك تىكلەش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى- سالاھىدىن

  سۆرەتتە: سالاھىدىن ھاجىمەمەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(مەرھابا ئەبەت خەۋىرى) ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇرتىغا، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىغا بولغان سېغىنىشنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، توختىماستىن تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى يارىتىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ناھايتى نۇرغۇن. ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن توختاۋسىز تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇر يىگىتى- سالاھىدىن پەخىرىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.

  1989-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان سالاھىدىن ھاجىمەمەت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇشتا ئوقۇغان بۇلۇپ، 2005-يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، چاڭچۈن ئۈمىد تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. كىچىكىدىن بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان سالاھىدىن 2009-يىلى بىرىنچى ئارزۇسى تەڭشىلىپ، پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەندە، چاقىرىقنى رەت قىلىپ، قايتا ئوقۇشنى تاللاپ، ئىككىنچى يىلى قايتا ئىمتىھان بەردى. «تىلىسەڭ تاپارسەن»دىگەندەك، سالاھىدىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ تىببىي ئىنىستۇتىغا قوبۇل قىلىندى.2015-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە، بىيجىڭ ئەيدى خەۋەرلىشىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىردى ۋە «ئاقىل كرېدىت» تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەش سۇپىسى(真牛贷)نى قۇردى.

  2015-يىلى 4-ئايدا سالاھىدىن «ئاقىل كرېدىت» تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەش سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىناۋەتكە تايىنىپ تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلىدى. زىيارەت داۋامىدا مەن سالاھىدىندىن نىمە ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەش سۇپىسىنى قۇرۇشنى قارار قىلغىنىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر كەچمىشىنى سۆزلەپ بەردى. ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى يازلىق تەتىلدە، سالاھىدىن ئاۋسترالىيەگە بېرىپ زىيارەت ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق يول خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەرگە سەككىزمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغان بۇلۇپ، ئۆيىدىكىلەرگە ئېغىرچىلىق سېلىشنى خالىمىغانلىقتىن، ئامالسىز بۇ پۇرسەتتىن ۋاز كېچىدۇ. «ئەگەر بۇنداق پۇرسەت كىلىدىغىنىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قوشۇمچە ئىشلەش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ خىراجەتنى تەييارلايتىم، بىراق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىمدا بۇنداق قىلىشقا ۋاقىت قالمىغانىدى»دىدى سالاھىدىن،«شۇنىڭ بىلەن مەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان، تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىدىغان ۋە قىسقا مۇددەت چەت ئەلگە ئۆگىنىشكە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى ئويلىدىم، ئۇلارنى 100كۈنلۈك، 200 كۈنلۈك ۋە 300 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئىشلەپ بۇ پۇلنى قايتۇرىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلدىم، چۈنكى بىز چوڭ بولدۇق، پۇل تېپىش ئىقتىدارىمىز بار بولدى.»

  «ھازىر بىزنىڭ ئاساسلىق قىلىۋاتقىنىمىز ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىناۋەتكە تايىنىپ تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەش»دېدى سالاھىدىن چۈشەندۈرۈپ،« مەبلەغنى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتى ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسى تەمىنلىگەن، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مەن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوننەچچەيلەننى ئىزدەپ مەھسۇلاتنى چۈشەندۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى ئون مىليون يۈەن مەبلەغنى ھەل قىلدىم. ھازىر مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر يۈزدىن ئاشتى، يىغىلغان مەبلەغمۇ ئەللىك مىليوندىن ئېشىپ، ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەن ئۈسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلەتتۇق.»

  مۇۋەپپەقىيەت يولى ھەمىشە بوران چاپقۇنلۇق بولىدۇ. سالاھىدىن دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بۇلۇپ، بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن مەكتەپداشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى مەبلەغ سېلىشقا قانداق قايىل قىلىش سالاھىدىن ئىگىلىك تىكلىگەندىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈمى ھەقىقەتەن نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقتىن ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئەمما سالاھىدىن بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن، داۋاملىق تۈردە بۇ ساھەدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەكتەپداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان كېڭەيتىش ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەكتەپداشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

  سالاھىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: ««بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي سىجىل ئاشتى. شىنجاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا يۇرتىمىزنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارغا بەخت تىلەيمەن.»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…