تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلاپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹چۆچەك شەھىرىنىڭ مىڭ كىشىلىك ئاككوردىيون كۆرگەزمە ئويۇنى ۋە داڭلىق ئاككوردىيونچىلارنىڭ نومۇر كۆرسىتىش پائالىيىتى›› 28-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن چۆچەك شەھىرى مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق ئاككوردىيون كۆرگەزمە ئويۇنىغا تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، داغۇر، رۇس قاتارلىق 17 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان جەمئىي 971 ئاككوردىيون ھەۋەسكارى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىچىكى 7 ياش، چوڭى 70 ياش ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۇكرائىنالىق داڭلىق ئاككوردىيونچى ۋالۇجىن ساسيېۋ، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاككوردىيونچىسى رۇەن مىڭيۈەن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان خەلقئارا ئاككوردىيون سەنئەت بايرىمىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ۋاڭ دەنتۇڭ قاتنىشىپ نومۇر ئورۇنداپ بەرگەن.
تارباغاتايدا ئاككوردىيون چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. 2012-يىلى چۆچەك شەھىرىدە ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلغان؛ 2012-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاككوردىيون مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭ ئاككوردىيوننى كېڭەيتىش-ئومۇملاشتۇرۇش بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى چۆچەك مەدەنىيەت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان؛ 2013-يىلى 4-نۆۋەتلىك تارباغاتاي كۆكتات ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە چۆچەك شەھىرىدە شىنجاڭ ئاككوردىيون مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، يەنە 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ‹‹شىنشى لوڭقىسى›› ئاككوردىيون ئۇستىلىرى لېكسىيەسى ئېلىپ بېرىلغان.
نۆۋەتتە، چۆچەك شەھىرىنى ئاككوردىيون شەھىرى قىلىش ئۈچۈن، چۆچەك شەھىرىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ھالدا ئاككوردىيون ئومۇملاشتۇرۇلغان.