خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى 2015-يىللىق «شان-شەرەپ» كۈز پەسىلللىك ياش سەنئەتكارلار سەنئەت پائالىيىتىدىكى«ئازسانلىق مىللەت سەنئەتكارلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل سەنئەت كېچىلىكى» 28-سېنتەبىر كەچتە مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىكتىكى نومۇرلارنىڭ مەزمۇنى سەرخىل ۋە يېڭىچە، ياش ئارتىسلار ئاساس قىلىنغان. كېچىلىكتە ئۇيغۇر، قازاق، تىبەت، دەيزۇ، مۇڭغۇل قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، تاماشىبىنلارغا يايلاقنىڭ مەردانىلىكىنى، چېگرا رايونلارنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تاماشىبىنلارنى بىر قېتىملىق كاتتا ناخشا-ئۇسسۇل زىياپىتىدىن بەھرىمان قىلدى. (مۇخبىرىمىز:مەرھابا ئەبەت ماقالىسى/ فوتوسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى