روزى ھامۇت ئايالى ماھىرە بىلەن بىللە ناخشا ئېيتماقتا.
بەلكىم كۆپچىلىك نۇرغۇن ھېيت بايراملىق پائالىيەتلەرنىڭ «بۈگۈن بايرام» ناملىق ناخشا بىلەن بايراملىق كەيپىياتنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە ئەۋجىگە چىققانلىقىنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بۇ مىسرالارغا جۆر بولۇپ بىرلىكتە ئېيتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، مانا بىز بۇ يەردە دەل مۇشۇ ناخشىنى ئېيتقۇچى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى روزى ھامۇت ئاكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.
روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى، غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى بولۇپ، 1995-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە مەركىزىي مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
روزى ھامۇت 15 ياش ۋاقتىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت سىنىپى ئۇسسۇل كەسپىگە ئۆتكەن، ناخشا ئېيتىش بولسا ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشى ئىدى. ناخشىلىق مۇزىكا پروفېسسورى فەن ئېنيى روزى ھامۇتنىڭ تۇنجى بايقىغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئاستىدا، روزى ھامۇت 1985-يىلى شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن.
بۇ جەرياندا ئۇ داڭلىق كومپوزىتور ۋاڭ لوبىڭ پروفېسسور بىلەن ھەمكارلاشقان. ھەتتا ئۇ ئېيتقان ھەر بىر شىنجاڭ خەلق ناخشىسىنى ۋاڭ لوبىڭ ئەپەندى ئۆزى روزى ھامۇتقا بىر ـ بىرلەپ يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، روزى ھامۇت بۇنىڭدىن كۆپ نەپ ئالغان.
1994-يىلى روزى ھامۇت مەملىكەتلىك ياشلار ناخشا مۇسابىقىسىدە كەسپىي گۇرۇپپىنىڭ مىللىيچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك ئالتىنچى نۆۋەتلىك «بەش قىتئە لوڭقىسى» تېلېۋىزىيە ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ كەسپىي گۇرۇپپىلار مىللىيچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان.
1997-يىلى روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ، بۇ ئۆمەكنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولغاندىن كېيىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1997-يىلدىن ھازىرغىچە روزى ھامۇت مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدە خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئېيتقان ئاساسلىق ناخشىلاردىن: «ئانارخان»، «ئاشۇ يىراق جايدا»، «سۆيۈملۈك بىر ئەتىرگۈل»، «سەپداشنى ئەسلەش» «خەير ـ خوش دابېيشەن»، «يوقلاش»، «ئۈچ ھارۋا»، «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرىستان كېچىسى ناملىق ناخشىسى»، «يۇلتۇز»، «قارماق تاشلاش ناخشىسى» (ياپون خەلق ناخشىسى) قاتارلىقلار بار.
2004-يىلى 10-ئايدا، روزى ھامۇت ئۆزىنىڭ «ئاشۇ يىراق جايدا» ناملىق خەلق ناخشىلىرى پالاستىنكىسىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ پلاستىنكىدىكى ناخشىلار ئىنتايىن يېقىملىق، قۇيۇق غەربىي يۇرت پۇرىقى ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، روزى ھامۇت سەنئەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان چەت رايونلارغا بارغان. ھازىر ئۇنىڭ بىر ئارزۇسى بار بولۇپ، ۋاڭ لوبىڭ ئەپەندىدەك شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنى قېزىپ ۋە رەتلەپ خەلق ناخشىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقاندا، ئۇ خەلق ناخشىلىرىنى يىغىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىر ئۇ نەچچە ئون ناخشا يىغىپ بۇ ناخشىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ باققان، ئامما بۇ ئىش خېلىلا مۈشكۈل ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىرادە ۋە ئېغىر ـ بېسىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، دەسلەپكى ئۆزگەرتكەنلىرىدىن ئۆزى رازى بولماي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.