60يىللىق تەرەققىيات قەشقەردە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. يېپەك يولىدىكى مەرۋايىت—— قەشقەر ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى باشلانغاندىن بۇيان، قەشقەردىكى ھەرمىللەت خەلقى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ياراتتى.
ھازىر قاراپ باقسىڭىز، قەشقەرنىڭ قىياپىتىدىكى تارىخىي خارەكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيسىز. بۈگۈنكى قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە مۇقىملىقنىڭ كۈندىن كۈنگە مۇسھتەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى، ئومۇمەن، كىشىنى خوشال قىلىدىغان مەنزىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.
قەشقەر شەھىرىدىكى مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولۇشى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەت بىرمەقسەتتە جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك دانا سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ مەركەزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. قەشقەرنىڭ تارىخىي خارەكتېرلىك ئۆزگۈرۈشى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغاندىلا، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن قەشقەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئاۋۇت بارات خەۋىرى، فوتوسى
مەنبە: خەلق تورى