باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى: بارلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىدا سوراق قىلىش جەريانىنى ئۈن-سىنغا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2015.09.22 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21- سېنتەبىر ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان مەركەز ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ ۋېي، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ بىشىن، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇن چيەن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ مىڭ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ داچېڭلار پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ۋە نەتىجە قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ئادۋوكاتنىڭ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈش تۈزۈمى تەدبىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زور دېلولاردا جىنايەت گۇماندارىنى سوراق قىلىش جەريانى ئۈن-سىنغا ئېلىنىدۇ ھەم سوراق قىلىش جەريانى ئۈن-سىنغا ئېلىنىدىغان دېلو دائىرىسى تەدىرىجىي كېڭەيتىلىپ، ئاخىرىدا بارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا سوراق قىلىش جەريانىنى ئۈن- سىنغا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر