- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» نەگخار ئۆلكىسىنىڭ ساقچىلارنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان
2015.09.28 17:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» شۈ كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نەگخار ئۆلكىسىنىڭ ساقچىلارنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان، ئىككى تەرەپ داۋاملىق توقۇنۇشقان. بۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن تۇنجى قېتىم توقۇنۇشىشىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دىيىلىدۇ: ھازىر توقۇنۇش داۋاملاشماقتا، ئىككى تەرەپتىن ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى بىر دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى ھەمدە ئافغانىستاندىكى 34 ئۆلكىنىڭ 25دە ئەزا قوبۇل قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر