خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ب د ت نىڭ باش ئىشتابىغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نىيۇيوركقا يىغىلىشى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كۆپ تەرەپ يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ساقلاپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تەڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى