باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دەۋردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەشەببۇسىى كەڭ ماختاشقا سازاۋەر بولدى

2015.09.29 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ 26-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ياردەم فوندى» تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى، ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنى قۇۋەتلىدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى:مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەردانىلىق بىلەن قوللىغانلىقى ۋە قەتئىي ۋەدە بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن،بۇنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، دەپ قارايمەن.

  77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى: رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تەكلىپى ئەمەلىي ۋە كونكرېت بولدى ھەمدە ئۇنىڭدا ھەرىكەت ئاساس قىلىندى،مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن.

  نىگېرىيە زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بۇخارى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە بۇ مۇھىم يىغىننى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  پاكىستان زۇڭلىسى شەرىف بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدىكى كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ئۈلگە، بۇ ئىككى دۆلەتكە غايەت زور ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات پايدىسى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە پۈتكۈل رايون ھەتتا تېخىمۇ كەڭ رايونغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە مۇشۇنداق كەڭ قۇرساق، كونكرېت، ھەرىكەتنى ئاساس قىلغان تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇ ئىجابىي ئۈنۈم بېرىدۇ.

  ساموئا زوڭلىسى تۇلىئا ئېپا مۇنداق دېدى: ساموئا ئۆتكەن يىلى «ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر» قاتارىدىن قۇتۇلدى، ئەگەر جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە باشقا نۇرغۇن شېرىكلەرنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۇنداق بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.

  بېنگال زۇڭلىسى ھاسىنا رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ تەشەببۇسلار «ئىنتايىن ئەمەلىي بولدى» دەپ قارىدى.

  دانىيەنىڭ باش ۋەزىرى راسموسىن مۇنداق دىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە ئىقتىسادىي ياردەم ھەم قوللاشنى كۈچەيتىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىندا جاكارلىغان كونكىرىت تەدبىرلەرنى قارشى ئالىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر