باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا-سانائەت باش ئىدارىسى: ئۈندىداردا ساختا ئېلان تارقاتقانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىككى مىليون جەرىمانە قويۇلىدۇ

2015.09.29 20:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان تارقاتقانلارغا بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن دېگەن خەۋەر يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالدى. چەمبىرەكتە ساختا ئېلان تارقاتقانغا راستلا جەرىمانە قويۇلامدۇ؟ يېقىندا دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى ئېلان نازارەت باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گوخۇا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۈندىداردا پايدىنى كۆزلىگەن قانۇنغا خىلاپ ئېلانلارنى تارقاتقۇچىلار يېڭى «ئېلان قانۇنى» بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىراق كونكېرت ئەھۋالغا ئاساسەن پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ساختا ئېلاننى تارقاتسىلا جەرىمانە قويۇلۇشى ناتايىن.

  «دوستلار چەمبىرىكى، شەخسىي چەمبىرەك قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قانۇن جەھەتتىكى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە توسالغۇ مەۋجۈد، بىراق سودا-سانائەت تارماقلىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلدى. بەزى ئەھۋاللارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، مەسىلەن پايدىنى نىشان قىلغان باشلامچى تارقاتقۇچى جازالىنىدۇ، ئەگىشىپ تارقاتقۇچىمۇ ئوخشاش، <ئېلان قانۇنى>بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندۇ. بىراق بەزىلەر پەقەتلا ياخشى نىيەتتە دوستلىرىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بولغان بولسا، ئاساسلىق مەسئۇل بولمىسا، ئېلان ئىگىسىگە ئوخشاش جازالانمايدۇ، ئېلان يوللىغۇچىنىڭ ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتى شۇنچىلىك قاتتىق بولغان ئىكەن، مۇناسىپ جازالاش بولۇشى كېرەك».

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر